ئۇكرائىنانىڭ ئاشلىق ئېكسپورت مەسىلىسى يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى 13-ئىيۇل ئىستانبۇلدا ئۇكرائىنانىڭ قارا دېڭىز پورتىدىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا توشۇش مەسىلىسى توغرىسىدا تۆت تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىندا ماسلاشتۇرۇش مەركىزى قۇرۇپ، ئاشلىق توشۇش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا بىرلىككە كېلىنگەن.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۆھبەت شۇ جاي ۋاقتى سائەت 16:00 ئەتراپىدا يېپىق تەرىقىدە باشلىنىپ، بىر يېرىم سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان. تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاكار سۆھبەتتىن كېيىن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، تۆت تەرەپ سۆھبىتىنىڭ ئاشلىق كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ دېڭىز يولى ئارقىلىق ئاشلىقنى قانداق قىلىپ بىخەتەر توشۇش مەسىلىسىنى تولۇق مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا كېلەر ھەپتە تۈركىيەدە يەنە بىر قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، بارلىق ئىنچىكە مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشقا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خۇلۇسى ئاكار باياناتىدا يەنە: «بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئاكتىپ ۋە ئىجابىي كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلدى. ھەرقايسى تەرەپلەر ئاساسىي تېخنىكىلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئىستانبۇلدا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان ماسلاشتۇرۇش مەركىزى قۇرۇپ، پورتقا كىرىپ-چىقىدىغان پاراخوتلارنى بىرلىشىپ باشقۇرۇپ، ئاشلىق تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا كېلىشتى» دېگەن.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كوناشېنكو 13-ئىيۇل بۇ ھەقتە توختىلىپ، رۇسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئاشلىق ئېكسپورت مەسىلىسىنى تېزدىن ھەل قىلىش توغرىسىدا ھەل قىلىش لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇلېبا بۇ ھەقتە: «ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەنىڭ ئاشلىق ئېكسپورتىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشىغا يەنە ئىككى قەدەم مۇساپە قالدى» دېگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 525 قېتىم كۆرۈلدى
14/07/2022 21:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق