ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى تىبەت-خىتاي مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ھەققىدە تەكلىپ لايىھەسى سۇندى

ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم كېڭەش پالاتا ئەزالىرى تىبەت بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى تىنچ ئۇسۇلدا ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە تەكلىپ لايىھەسى سۇندى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئورتاق رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مىكگوۋېرن ۋە ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئورتاق رەئىسى مايكىل مىككول 13-ئىيۇل بىرلىكتە «تىبەت-خىتاي توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكلىپ لايىھەسى»نى سۇنغان.

مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىدە ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ تىبەت بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ ماھىيىتىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەكلىكى، خىتاي بىلەن دالاي لاما ياكى ئۇنىڭ ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنى قايتا قوزغىتىشقا تىرىشىش كېرەكلىكى، ئىككى تەرەپنىڭ 2010-يىلىدىن بۇيان رەسمىي يوسۇندا سۆھبەتلىشىپ باقمىغانلىقى، خىتاينىڭ ئىزچىل ھالدا دالاي لاماغا يولسىز تەلەپ قويۇپ كەلگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

تەكلىپ لايىھەسىدە تىبەت خەلقىنىڭ خەلقئارالىق قانۇنغا ئاساسەن ئاپتونومىيە ھوقۇقى بارلىقى، ئەمما خىتاي رېجىمىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبلىك، تىبەت خەلقىنىڭ ئۆز ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولالمىغانلىقى، تىبەت بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ھەل قىلىنمىغان تەقدىردە، تىبەتنىڭ قانۇنىي ئورنىنىڭ يەنىلا خەلقئارا قانۇن ئاساسىدا بېكىتىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

تەكلىپ لايىھەسىدە يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تىبەت ئىشلىرى ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچى ئەمەلدارىنىڭ تۈرلۈك بايانات ۋە ھۆججەتلىرىدە خىتاينىڭ تىبەت ھەققىدىكى، جۈملىدىن تىبەت خەلقى، تىبەت تارىخى ۋە دالاي لاماغا چېتىشلىق تەشكىلاتلار ھەققىدىكى يالغان ئۇچۇرلىرىغا قارشىلىق بىلدۈرۈشى ۋە خىراجەت ئاجرىتىپ، بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

پالاتا ئەزاسى مايكىل مىككول بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ 1950-يىلى تىبەتكە بېسىپ كىرگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ بىلەن كېيىنكى ئىشغالىيەت ۋە باستۇرۇش قىلمىشلىرىغا سەھنە ھازىرلىغانلىقىنى، خىتاينىڭ تىبەتتىكى ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلىش ۋە تارىخ ئويدۇرۇش قىلمىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 843 قېتىم كۆرۈلدى
14/07/2022 21:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق