ئامېرىكا: فىلىپپىن خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا قوغداش مەجبۇرىيىتىمىز بار

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر فىلىپپىن دېڭىز رايونىدا خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان تەقدىردە، ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىننى قوغداش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بىر نەچچە كۈن بۇرۇنقى باياناتىدا خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر فىلىپپىننىڭ ھەربىي قىسىملىرى، پاراخوتلىرى ياكى ئايروپىلانلىرى جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشلىق رايوندا خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان تەقدىردە، ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىتتىپاقداش دۆلىتىنى قوغداش مەسئۇلىيتى بارلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە يەنە بىر قېتىم خىتاينى خەلقئارالىق قانۇنلارغا رىئايە قىلىشقا، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشلىرىنى توختىتىشقا چاقىرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 12-ئىيۇل خەلقئارا كېسىم سوتىنىڭ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دېڭىز-ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى»گە ئاساسەن، فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىش سەۋەبلىك خىتاي ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزىگە كېسىم چىقارغانلىقىنىڭ ئالتە يىللىقى ئىكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن 11-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، يۇقىرىقى سۆزلىرىنى تەكىتلىگەن.

ئەينى ۋاقىتتا خەلقئارا كېسىم سوتى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى بىر قىسىم ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىنى رەت قىلغان ۋە ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. ھالبۇكى، خىتاي ئىزچىل ھالدا مەزكۇر ھۆكۈمنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكى، بۇنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقى، مەزكۇر دېڭىز رايونىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقى ھەققىدە جار سېلىپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 693 قېتىم كۆرۈلدى
14/07/2022 22:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق