تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى

نەچچە يىلدىن بۇيان تايلاندتىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە سەۋەبسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئۈچ كىشى بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا مەزكۇر ئورۇندىن قېچىپ كەتكەن.

تايلاند تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تايلاند ساقچى دائىرىلىرى مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا تايلاندتىكى كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىن ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى، تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

بىر ساقچى ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ئۈچ ئۇيغۇر دۈشەنبە كۈنى تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن قامالغان كامېردىن قېچىپ كەتكەن. ئۇلار باڭكوكنىڭ جەنۇبىدىن تەخمىنەن 320 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى پىراچۇپ خېرىخان ئۆلكىسىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىن قېچىپ كەتكەن بولۇپ، قېچىش جەريانىدا ئۆتكۈر ئەسۋاب بىلەن تۆمۈر رېشاتكىنى ھەرىدەپ ئاچقان. مەزكۇر ئەمەلدار مۇخبىرغا: «بىز ئۇلارنى داۋاملىق ئىزدەۋاتىمىز. مەن يېڭى ئەھۋال ھەققىدىكى دوكلاتنى ساقلاۋاتىمەن. يېقىنقى كۈنلەر دەم ئېلىش مەزگىلى بولغاچقا، ئىزدەش سۈرئىتى ئاستا بولۇپ قالدى» دېگەن. مەزكۇر ئەمەلدار مۇخبىرغا قېچىپ كەتكەنلەرنىڭ 25 ياشلىق ئەلى، 30 ياشلىق ئابدۇللاھ ۋە 29 ياشلىق ئابدۇللاھ ئىسىملىك ئۈچ مەھبۇس ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن بولۇپ، ئۇلار ھازىرغا قەدەر قېچىپ يۈرمەكتىكەن.

تايلاندلىق بىر پائالىيەتچىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 52 دىن 56 گىچە بولۇپ، ئۇلار تايلاندتىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىگە تارقاق ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۇزۇن مۇددەت سەۋەبسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسى خىتاي ئىكەن. خىتاي تايلاند ھۆكۈمىتىگە ئىزچىل بېسىم قىلىپ تۇرغاچقا، تايلاند دائىرىلىرى ئۇلارنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرماقتىكەن.

بۇندىن ئىلگىرى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تايلاندتىكى ئالىي تەتقىقاتچىسى سۇنەي فاسۇك: «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى كۆپ يىللاردىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن دەلىل توپلىدى» دېگەن ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زور كۆلەملىك تۇتقۇن لاگېرىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە 2015-يىلىدىكى ۋەقەلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىكى ئىشلىرىنى قايتا تەكرارلىمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق كاپالەت بەرمىگەنلىكىنى، شۇڭا تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا خەتەر ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تايلاندتىكى خەلق ھوقۇقى فوندى باشچىلىقىدىكى ئون نەچچە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئالدىنقى ئايدا تايلاند ھۆكۈمىتىگە تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتمەسلىك ھەققىدە مۇراجىئەتنامە سۇنغانىدى. مەزكۇر مۇراجىئەتنامىنى قوبۇل قىلغان پارلامېنت ئەزاسى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش پىلانى تۈزۈپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

تايلاند كۆچمەنلەر ئىدارىسى بۇ ھەقتە: «تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باشقا جايغا قايتۇرۇش پىلانى يوق. بۇ خىل قارارنى باشقا ھۆكۈمەت تارماقلىرى، ئاساسلىقى دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چىقىرىدۇ» دېگەنىدى. تايلاند تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بولسا: «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەمەلىي ھەل قىلىش چارىسى تېپىلغانغا قەدەر، تايلاند ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ» دېگەنىدى.

تايلاند ھۆكۈمىتى 2015-يىلى 7-ئايدا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، 173 ئۇيغۇرنى تۈركىيەگە يولغا سالغان بولۇپ، بىر ھەپتىدىن كېيىن 109 ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىدى. بۇ مەسىلە تايلاندنىڭ ئىچى-سىرتىدا كۈچلۈك ئەيىبلەش دولقۇنىنى قوزغىغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا تۈركىيەدىكى غەزەپلەنگەن ئۇيغۇرلار تايلاند كونسۇلخانىسىغا بېسىپ كىرىپ، دېرىزىلەرنى چېقىپ، تايلاند بايرىقىنى يىرتىپ، قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 968 قېتىم كۆرۈلدى
15/07/2022 21:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق