خىتاي ئىسسىق ھاۋارايىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىماقتا

خىتاينىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەن بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرگە ئىسسىق ئۆتۈپ كەتكەن ۋە بۇ سەۋەبلىك ئۆلۈش ئەھۋالى يۈز بەرگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا 40 گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكەن. يېقىنقى كۈنلەردە جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى نۇرغۇن دوختۇرخانىلار ئىسسىق ئۆتۈپ قالغان بىمارلارنى ئارقا-ئارقىدىن دوختۇرخانىدا ئالغان. ئۇندىن باشقا نۇرغۇن كىشىلەرگە ئىسسىق ئۆتۈپ قالغانلىقى ھەققىدە دىياگنوز قويۇلغان بولۇپ، مەزكۇر بىمارلار ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرمۇ بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ نەنجىڭ، سىچۈەن، خېنەن قاتارلىق ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىدە نۇرغۇن خىتايلارغا ئىسسىق ئۆتۈپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.

خىتايدىكى كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، جېجياڭ ئۆلكىسىدە 6-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن، بىر خىتاي ئىشچى سېختا ئىشلەۋېتىپ تۇيۇقسىز ھوشىدىن كەتكەن. بىمارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى 40 گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، قان تومۇر قېتىشىش سەۋەبلىك كۆپلىگەن ئەزالىرى كېرەكتىن چىققان. ئاخىرىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.

جېجياڭ، خېنەن، سىچۈەن ۋە نەنجىڭدىمۇ قاتارلىق جايلاردىكى كۆپلىگەن دوختۇرخانىلاردا يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش سەۋەبلىك دوختۇرخانىغا ئېلىنغان بىمارلار كۆپەيگەن. بۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولغان. ئۇندىن باشقا بەزى بىمارلار دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە ئۇلارنىڭ بارلىق ئىچكى ئەزالىرىنىڭ سۇدا قاينىتىلغاندەك بولۇپ كەتكەنلىكى بايقالغان. ئۇلاردا جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارى زەئىپلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن. ھازىرغا قەدەر جېجياڭ بىلەن سىچۈەندە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبلىك ئىككى بىمار ئۆلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش خەتەرلىك ئەھۋاللاردىن بىرى بولۇپ، ئېغىر ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندا مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى، جىگەر ۋە بۆرەك ئىقتىدارى، نەپەسلىنىش ئىقتىدارى، يۈرەك-قان تومۇر ئىقتىدارى قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، كۆپلىگەن ئەزانى پالەچ ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدىكەن. ئىسسىق ئۆتۈپ قالغان كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى ئىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 6299 قېتىم كۆرۈلدى
15/07/2022 22:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق