خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئالدىنقى پەسىللىك ئېشىشى ئالاھىدە تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى

خىتاينىڭ بۇ يىل ئىككىنچى پەسىللىك ئىقتىسادىدا مۇسبەت ئېشىش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، يەنىلا مۆلچەردىكىگە يەتمىگەن بولۇپ، 2020-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتايدا قايتىدىن باش كۆتۈرگەن يۇقۇم سەۋەبلىك، خىتاي ئىقتىسادىدا چېكىنىش كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ يىل ئىككىنچى پەسىلدىكى ئىقتىساد ئېشىش سۈرئىتى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن. بۇ تەرىقىدە داۋاملاشقان تەقدىردە، خىتاي نىشانلىغان ئىقتىسادنىڭ يىللىق ئېشىش سۈرئىتىنى %5.5 كە يەتكۈزۈش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. بىر قىسىم ئىقتىساد ئانالىزچىلىرى يەنە خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 15-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا مەسىلە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل ئىككىنچى پەسىلدە خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.4 ئاشقان بولۇپ، توققۇز پەسىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭغا خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ داۋالغۇشىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن.

نۆۋەتتە خىتاي يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنى %5.5 كە يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان بولۇپ، بىر قىسىم ئىقتىسادشۇناسلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلدا تۈرلۈك تەدبىرلەر بىلەن خىتاي ئىقتىسادىنى قوزغىتىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى، خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ يەنىلا ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى، %5.5 لىك نىشانغا يەتكۈزۈشنىڭ ئاساسەن مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 871 قېتىم كۆرۈلدى
15/07/2022 22:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق