ئامېرىكا خىتاينىڭ ھالقىلىق تېخنىكىلارغا ئېرىشىش يولىنى توسۇشتا مۇھىم قەدەم ئالدى

ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا پەن-تېخنىكا ساھەسىدە خىتايغا قارشى مۇداپىئە سېپىلى بەرپا قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىسرائىلىيە خىتاينىڭ غەرب تېخنىكا نەتىجىلىرىگە ئېرىشىشىدىكى ئاجىز ھالقا دەپ قارىلىپ كەلگەن. ئەمما ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە ئىسرائىلىيە تەرەپ بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، بۇ تىرىشچانلىقلار خىتاينىڭ غەربنىڭ تۈرلۈك پەن-تېخنىكىلىرىغا ئېرىشىش لىنىيەسىنى توسۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى 13-ئىيۇل ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ۋە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى يائىر لاپىدنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىغا ئالاقىدار كېلىشىم ئىمزالىغانلىقى ھەققىدىكى ئورتاق باياناتنى ئېلان قىلغان. باياناتتا ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەندىن سىرت، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ھەمكارلىق مېخانىزمىغا ئاساسەن، ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك كومىتېتلىرىنى ئۆزئارا باغلايدىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق يېڭىدىن تەرەققىي قىلغان ۋە سەزگۈر تېخنىكا نەتىجىلىرىنى قوغدايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكا بىخەتەرلىك مەركىزى پەن-تېخنىكا ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك تۈرىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى مارتىن راسېر بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئامېرىكا ئەلۋەتتە ئىسرائىلىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىدىن، بولۇپمۇ ھالقىلىق تېخنىكا ساھەسىدىن ئەندىشە قىلىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئىسرائىلىيەگە سالغان مەبلىغى 2013-يىلىدىن تارتىپ زور دەرىجىدە ئاشقان بولۇپ، 2019-يىلىغا كەلگەندە مەبلەغ سوممىسى 640 مىليون دوللارغا يەتكەن. مەبلەغ تۈرلىرى بولسا سەھىيە، بىيوتېخنىكا قاتارلىق پەن-تېخنىكا ساھەلىرىگە چېتىلغان. خىتاينىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ تېخنىكا ساھەسىگە بولغان قىزىقىشى ئامېرىكىنى سەگەكلەشتۈرگەن بولۇپ، ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى سودا ساھەسىدە مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولغان ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا تەڭقىسلىقتا قالغان. بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىم ئالغان قەدىمىدە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋىتىنى خىتايغا كۆرسىتىپ قويۇشنىمۇ مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 876 قېتىم كۆرۈلدى
18/07/2022 13:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق