سىچۈەندىكى كەلكۈن خىتايغا زىيان ئېلىپ كەلدى

خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى قىسمەن جايلاردا ئۇدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەلكۈن كەلگەن بولۇپ، نەچچە ئون مىڭلىغان خىتاي پۇقرالىرى ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.

خىتاي ۋاڭ يى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 17-ئىيۇل سائەت يەتتىگىچە سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ بېيچۈەندىكى قىسمەن جايلاردا ئۇدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن ئاپىتىگە ئايلانغان، نەتىجىدە بىر يېزىدا ئالتە ئادەم ئۆلگەن، 12 ئادەم بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان. نۆۋەتتە قۇتقۇزۇش، يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرى باشلانغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 16-ئىيۇل بېيچۈەن چياڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ غەربىي قىسمىدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، 13 يېزا-بازاردىكى 23 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان. بېيچۈەن ناھىيەسىنىڭ بەيشى يېزىسىدا يامغۇر يېغىپ، دەريا سۈيى شىددەت بىلەن ئۇلغىيىپ، تۇيۇقسىز كەلكۈن كەلگەن بولۇپ، قاتناش، توك، خەۋەرلىشىش ئۈزۈلۈپ قالغان. خىتاي دائىرىلىرى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى باشلىغان.

شۇ كۈنى كەچتە مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بەيشى يېزىسىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى باشقا يەرگە يۆتكەلگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 636 قېتىم كۆرۈلدى
19/07/2022 09:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق