ئاۋسترالىيەدە تىك توك ئەپ دېتالىنى چەكلەش تەلەپ قىلىندى

ئاۋسترالىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىر بىرلەشمە تور بىخەتەرلىك شىركىتى تەرىپىدىن تەييارلانغان دوكلاتتا خىتاينىڭ سىن ھەمبەھرىلەش سۇپىسى تىك توكنىڭ زۆرۈر بولمىغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە توپلىغانلىقى، بۇنىڭ خىتاينىڭ ئىستىخبارات ۋە تور ھۇجۇمى مەقسىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن ۋە تىك توكنىڭ ئاۋسترالىيەدە چەكلىنىشى تەلەپ قىلىنغان.

ئاۋسترالىيەلىكلەر تورىنىڭ 18-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرلەشمە تور بىخەتەرلىك شىركىتى «Internet 2.0» تەرىپىدىن تەييارلانغان دوكلاتتا خىتاينىڭ سىن ھەمبەھرىلەش ئەپ دېتالى تىك توكنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى بىر مىلياردتىن ئارتۇق ئابۇنىتلىرىدىن ئېرىشكەن شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر ئەپ دېتالىنىڭ ئۇچۇر يىغىش ھەرىكىتى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تېلېفونىغا قاچىلانغان باشقا بارلىق ئەپ دېتاللىرىنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش، ھەر سائەتتە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئورنىنى تەكشۈرۈش، كالېندار ئۇچۇرلىرىنى، ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىنى داۋاملىق زىيارەت قىلىش ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يانفون ئۆلچىمىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي، توغرا ھالدا ئېنىقلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

دوكلاتتا يەنە تىك توك ئەپ دېتالىنىڭ بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى توپلىمىغان تەقدىردىمۇ نورمال ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى، بۇنىڭغا ئاساسەن سانلىق مەلۇماتلارنى توپلىشىدىكى بىردىنبىر سەۋەبىنىڭ زور تۈركۈمدىكى شەخسىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ئىكەنلىكىنى ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقى، تىك توك ئەپ دېتالىنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويمايدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئاۋسترالىيە ئىچكى ئىشلار ۋە تور بىخەتەرلىكى مىنىستىرى كىلېير ئونېلنىڭ ئېيتىشىچە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى مەزكۇر دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، بۇندىن ئىلگىرىكى ھۆكۈمەت كۆپ يىللاردىن بۇيان بۇ مەسىلىدىن خەۋەردار ئىكەن. ئۇ تىك توكقا ئوخشاش ئەپلەرگە چېتىلىدىغان مەخپىيەتلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىش كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ مۇرەككەپ ۋە قىيىنلىقىنى بىلدۈرگەن.

تىك توك ئەپ دېتالى خىتاينىڭ «ByteDance» شىركىتىگە تەۋە. ئۇنىڭ ئىجادچىسى جاڭ يىمىڭنىڭ شەخسىي بايلىقى 40 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان بولۇپ، تىك توكنىڭ تېز ئۇتۇق قازىنىشى ئۇنىڭغا زور پايدا ئېلىپ كەلگەن. مەزكۇر ئەپ بۇ يىلنىڭ بېشىغا قەدەر دۇنيا مىقياسىدا 3 مىليارد 500 مىليون قېتىم چۈشۈرۈلگەن. شۇنداقتىمۇ تىك توك ھىندىستان قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردە دۆلەت بىخەتەرلىكى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پۈتۈنلەي چەكلەنگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 866 قېتىم كۆرۈلدى
19/07/2022 10:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق