«شاھىن ۋەيران قىلىش سىستېمىسى» تۈركىيە ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇلدى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى مىنىستىرى پىروفېسسور دوكتور ئىسمائىل دېمىر تىۋىتتېر ھېسابىدا شاھىن 40 مىللىمېتىرلىق ۋەيران قىلىش سىستېمىسى ھەققىدە ئۇچۇر يوللىغاندىن كېيىن، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، مەزكۇر مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ قەيەردە ئىشلىتىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللار كۈنتەرتىپكە كەلدى.

دوكتور ئىسمائىل دېمىر تىۋىتتېر ئۇچۇرىدا ASELSAN شىركىتى يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان شاھىن 40 مىللىمېتىرلىق فىزىكىلىق ۋەيران قىلىش سىستېمىسىنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكى، مۇھىم نۇقتىلارنى قوغداش ۋە ھاۋا مۇداپىئەسى قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىدە ASELSAN شىركىتى تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن ۋە تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئامبىرىغا كىرگەن شاھىن 40 مىللىمېتىرلىق فىزىكىلىق ۋەيران قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى چۈشەندۈرۈلگەن. تېخنىكىلىق چۈشەندۈرۈشتە ئېيتىلىشىچە، بۇ سىستېما مۇقىم قاناتلىق ۋە مىكرو تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا قارشى ئۈنۈملۈك قورال بولۇپ، دۆلەت خىراجىتى بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان.

40 مىللىمېتىرلىق قورال سىستېمىسىغا يۇقىرى سۈرئەتلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق بومبا ئاتار سەپلەنگەن بولۇپ، 700 مېتىرلىق دائىرە ئىچىدىكى نىشاننى ئۈنۈملۈك يوقىتالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بۇ قورال مۇستەقىل ئوقلۇق ئېلېكتىر ئوپتىكىلىق سىستېمىسىنىڭ ياردىمىدە ئاپتوماتىك ھالدا ئىز قوغلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، راداردىن ئېرىشىلگەن ئورۇنغا مەركەزلىشىدىكەن ھەمدە نىشانغا قارىتا ئىز قوغلاش ۋە باللىستىك ھېسابلاش مەشغۇلاتى قىلالايدىكەن. شاھىن 40 مىللىمېتىرلىق فىزىكىلىق ۋەيران قىلىش سىستېمىسىدا پىروگرامما يېزىش ئارقىلىق نىشانغا يېقىن جايدا پارتلىتىشنى پىلانلىغىلى بولىدىكەن ۋە شۇنداقلا ھاۋا ئۆتۈشۈش ئۈنۈمى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ئوقنىڭ پارتلاش ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 991 قېتىم كۆرۈلدى
19/07/2022 11:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق