ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى تەيۋەن زىيارىتىنى پىلانلىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسى پېلوسىنىڭ كېلەر ئايدا تەيۋەننى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، خىتاي بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 19-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسى پېلوسى كېلەر ئايدا تەيۋەن زىيارىتىنى پىلانلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ زىيارەت مەقسىتى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتاي تەھدىتى ئاستىدا قالغان تەيۋەننى قوللاش ئىكەن. بۇنىڭغا نارازى بولغان خىتاي نەنسى پېلوسىنى بۇ سەپەر ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

«ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ بىر قىسىم خەۋەردار كىشىلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، نەنسى پېلوسى 8-ئايدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىغان. نەنسى پېلوسى بۇ يىل 4-ئايدا تەيۋەن ۋە ئاسىيادىكى باشقا ئىتتىپاقداشلىرىنى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، يولغا چىقىشتىن بۇرۇن خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى سەۋەبلىك، زىيارەت پىلانىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئاقساراي ئەمەلدارلىرى نەنسى پېلوسىنىڭ بۇ قېتىملىق تەيۋەن زىيارىتى ئۈچۈن بېكىتكەن ۋاقتىغا قارىتا ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن. چۈنكى خىتاي رېجىمىنىڭ ئارمىيە كۈنىمۇ ئاۋغۇستتا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئۇندىن باشقا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئاۋغۇست ۋە سېنتەبىر ئايلىرىدا سىن ئارقىلىق كۆرۈشۈش ئۆتكۈزىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. نۆۋەتتە ئاقساراي ۋە ئاۋام پالاتا رەئىسى ئىشخانىسى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتى ھەققىدە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 19-ئىيۇل بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ: «خىتاي ئامېرىكىدىن بىر خىتاي پىرىنسىپى ۋە خىتاي-ئامېرىكا ئۈچ بىرلەشمە ئەھدىنامىسىگە ئەمەل قىلىشنى، نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىنى ئورۇنلاشتۇرماسلىقنى ھەمدە ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى رەسمىي ئالاقىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ» دېگەن.

ئۇ باياناتىدا يەنە ئەگەر ئامېرىكا ئۆز يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرسا، خىتاينىڭ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى، بارلىق ئاقىۋەتكە ئامېرىكىنىڭ تولۇق مەسئۇل بولىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نەنسى پېلوسى ۋە ئامېرىكا پارلامېنتى تەيۋەننى قەتئىي قوللىغۇچىلاردىن بولۇپ، ئەگەر نەنسى پېلوسى بۇ قېتىم تەيۋەننى رەسمىي زىيارەت قىلسا، ئامېرىكىنىڭ 25 يىلدىن بۇيان تەيۋەننى زىيارەت قىلغان تۇنجى پارلامېنت رەھبىرى بولۇپ قالىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 633 قېتىم كۆرۈلدى
20/07/2022 12:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق