تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ خىتايغا تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرىلماقتا

يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ تىنچ ئوكيان ئەللىرىدە تەسىر كۈچىنى زورايتىش ئۇرۇنۇشلىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەر بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، خىتاينىڭ قارا نىيىتىگە تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرىلماقتا.

ب ب س نىڭ 16-ئىيۇل ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە ياردەمگە بولغان ئېھتىياجى تىنچ ئوكياندا تەسىر كۈچ جېڭىنى قوزغىغان بولۇپ، زومىگەرلىك يولىدا مېڭىۋاتقان خىتاي تەبىئىيلا بۇ رايوندا ئاساسلىق رول ئويناش چوتىنى سوققان. بۇ يىل 6-ئايدا خىتاي رايوندىكى 10 دۆلەت بىلەن كەڭ كۆلەملىك سودا بىخەتەرلىك كېلىشىمى تۈزۈش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما نۇرغۇن دۆلەتلەر مەزكۇر كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبلىك، كېلىشىم كېيىنچە تاشلاپ قويۇلغان. شۇنداقتىمۇ ئالدىنقى كۈنلەردە تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى مۇنبىرى سۇۋادا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقاندا، خىتاي تىنچ ئوكياندىكى ئون دۆلەت بىلەن ئايرىم سىياسىي سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

تىنچ ئوكياندىكى 14 ئارال دۆلىتى ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېللاندىيە بىلەن بىرلىكتە تەبىئىي مۇھىت، ئېتىقاد، مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىۋى چۈشەنچىلەر بىلەن باغلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇلار تەبىئىي ئاپەت، خىتاي ۋىرۇسى قاتارلىق ئورتاق خىرىسلارغا دۇچ كەلگەن. رايون ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بۇ قېتىم ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە تۇنجى قېتىم فىجى پايتەختى سۇۋادا يۈزتۇرانە كۆرۈشكەن بولۇپ، مەزكۇر ئۇچرىشىش كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك ئىللىق يىغىلىش بولمىغان.

باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئارال دۆلىتى كىرىباتى تۇيۇقسىزلا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ تەشكىلاتتىن پۈتۈنلەي چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. كىرىباتى 2019-يىلى تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەندىن كېيىن، خىتاي بىلەن تېخىمۇ يېقىنلاشقان. مەزكۇر دۆلەتنىڭ خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشتىن بۇرۇنلا ئېغىر قەرزگە بوغۇلۇپ كېتىشى خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا بولغان بېقىنىشىنى كۈچەيتىۋەتكەن.

فىجىدىمۇ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ تەسىرى بار بولۇپ، ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدە خىتاي ئۇل ئەسلىھە ۋە بېلىقچىلىققا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، تىنچ ئوكياندىكى بارلىق ئارال دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھىغا ئايلانغان. ئىلگىرىكى نوقۇل ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت نۆۋەتتە مۇرەككەپلىشىپ قانۇن، دېھقانچىلىق، مۇلازىمەت ۋە بىخەتەرلىك قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭەيگەن.

بۇ يىل 4-ئايدا سولومون تاقىم ئارىلى بېيجىڭ بىلەن بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي تىنچ ئوكياندا ھەربىي بازا قۇرۇشى مۇمكىنچىلىكى ئەندىشە قوزغىغان. ئەمما سولومون باش مىنىستىرى ماناسېخ سوگاۋارې بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز چەت ئەلنىڭ ھەربىي بازىسىنى قۇرغان ۋاقتىمىزدا شۇ ھامان تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالىمىز» دېگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 847 قېتىم كۆرۈلدى
20/07/2022 13:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق