خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان دوكلاتىنى توسۇپ قېلىش ئۇرۇنۇشلىرى پاش بولدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېت 5-ئايدا شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەت ئۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئۇزۇندىن بۇيانقى ۋەدىسى بويىچە ئېلان قىلىشىنى كۈتكەن. ئەمما رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي بارلىق ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ، مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۈچ دۆلەتنىڭ دىپلوماتلىرى تەرىپىدىن دەلىللەنگەن خىتاينىڭ بىر پارچە مەكتۇپىدا، خىتاي رېجىمىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتتىن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغانلىقى مەلۇم بولغان.

باچېلېت بۇ يىل 5-ئايدا شەرقىي تۈركىستانغا بارغان بولۇپ، زىيارەت جەريانى پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە داۋاملاشقان. باچېلېت زىيارەتتىن كېيىن بۇ قېتىملىق سەپەرنىڭ تەكشۈرۈش ئەمەس، پەقەتلا بىر زىيارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. باچېلېتنىڭ خىتايغا بولغان ئاجىزانە مەيدانى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىدلەنگەن. گەرچە باچېلېت يېقىندا ئۆزىنىڭ شەخسىي سەۋەبلەر بىلەن ب د ت دىكى ۋەزىپىسىگە قايتا سايلىنىشنى تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇ 31-ئاۋغۇست ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ ب د ت ئەمەلدارىغا ئەۋەتكەن مەكتۇپىدا نېمىلەرنىڭ يېزىلغانلىقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، بۇ مەسىلە قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. ئۈچ دىپلومات بىلەن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي يازغان مەزكۇر مەكتۇپتا خىتاينىڭ ب د ت تەييارلىغان شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ھەمدە مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى توسۇپ قېلىشقا ئۇرۇنغانلىقى مەلۇم بولغان.

خىتاي رېجىمى بۇ مەكتۇپنى 6-ئاينىڭ ئاخىرىلىرى جەنۋەدىكى دىپلوماتىيە ئۆمەكلىرىگە تارقىتىشقا باشلىغان بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن خىتاينى قوللاپ ئىمزا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان. مەكتۇپتا باچېلېتنىڭ ئىشخانىسى تىلغا ئېلىنىپ: «ئەگەر بۇ باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىنسا، كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ تىركىشىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، مۇتەخەسسىسلەرگە بولغان ئىشەنچنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ» دەپ جار سېلىنغان. مەكتۇپتا يەنە: «بىز ئالىي ئەمەلدارنىڭ بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلماسلىقىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىمىز» دېيىلگەن. خىتاينىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئۆمىكى بۇ مەكتۇپنىڭ ب د ت غا ئەۋەتىلگەن-ئەۋەتىلمىگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرمىگەن.

نۆۋەتتە مېشېل باچېلېتنىڭ بۇ مەكتۇپنى تاپشۇرۇۋالغان ياكى تاپشۇرۇۋالمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. باچېلېتنىڭ باياناتچىسىمۇ بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان. ئەمما ئۇ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن، مەزمۇنلارنىڭ ئېنىق بېكىتىلىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان مۇئامىلىسى باھالىنىدىغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى گۇرۇپپىسى ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلاش ئۈچۈن دەلىل-ئىسپات توپلاشقا باشلىغان. ئەمما نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى ھازىرغىچە كېچىكتۈرۈلگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇ مەكتۇپقا قانچە كىشىنىڭ ئىمزا قويغانلىقىنى ئېنىقلىيالمىغان. مەكتۇپنى ئاشكارىلىغان تۆت شەخسنىڭ بىرى جەنۋەدە تۇرۇشلۇق دىپلومات خادىمى بولۇپ، ئۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ خىتاينىڭ مەيدانىنى قوللىغانلىقىنى ئېيتقان. رويتېرس ئاگېنتلىقى ئېرىشكەن بۇ مەكتۇپنىڭ يەنە بىر نۇسخىسىدا باچېلېت كۆپلەپ تەنقىد قىلىنغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان دوكلاتىنىڭ رۇخسەتسىز تەييارلانغانلىقى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ئىشخانىسىنىڭ مەجبۇرىيىتىگە ئېغىر خىلاپ ئىكەنلىكى، شۇنداقلا بۇ دوكلاتنىڭ باچېلېتنىڭ ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى دەۋا قىلىنغان.

مەزكۇر مەكتۇپقا خىتاينىڭ قايسى ئەمەلدارىنىڭ ھوقۇق بەرگەنلىكى ياكى قانداق تەييارلانغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. ئەمما مەكتۇپقا ئىمزا قويغان دىپلوماتنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر مەكتۇپنىڭ «يۇمشىتىلغان» نۇسخىسى ئاخىرقى بېكىتىلگەن نۇسخا ئىكەن.

جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ئىككى دىپلوماتنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ بۇ مەكتۇپى خىتاي رېجىمىنىڭ باچېلېتقا بىۋاسىتە لوبىچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى ھەققىدىكى كەم ئۇچرايدىغان پاكىتلارنىڭ بىرى ئىكەن. بىر قىسىم دۆلەتلەر ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك بۇ مەسىلىدە خىتايغا ياق دېيىشكە پېتىنالمايدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1062 قېتىم كۆرۈلدى
20/07/2022 15:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق