ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر دوكلاتىدا خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتى ئەيىبلەندى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 19-ئىيۇل ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئادەم ئەتكەسچىلىكى قىلمىشلىرىغا ئالاقىدار يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي بۇ يىلمۇ ئادەم ئەتكەسچىلىكى ئەڭ ئېغىر بولغان ئۈچىنچى تۈردىكى دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى «ئادەم ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسى دوكلاتى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشىنى ئەيىبلىگەن ۋە خىتاينى دۇنيادىكى ئادەم ئەتكەسچىلىكى ئەڭ ئېغىر بولغان ئۈچىنچى تۈردىكى دۆلەتلەر قاتارىغا تىزغان. دوكلاتتا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تۈرىدىكى يوشۇرۇن دەسمايە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش سىياسىتى ياكى ئەندىزىسىنى كەڭ كۆلەمدە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى، «كەسپىي تەربىيەلەش»، «ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» قاتارلىق ناملار بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە چەت ئەلدە ياشاۋاتقانلارنىمۇ نازارەت قىلىش، پاراكەندە قىلىش ۋە تەھدىت سېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىشكە ئۇرۇنغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 20-ئىيۇلدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ توغرۇلۇق ئىپادە بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكا يالغان دوكلات ئويدۇرۇپ چىقىپ، خەلقئارانى ئالدىدى. ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكى دۆلىتى» دەپ بىلجىرلىغان ۋە ئامېرىكىنىڭ بىر نەچچە ئەسىر بۇرۇن قارا تەنلىكلەرنى قۇل قىلغانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەر يىلى «ئادەم ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسى دوكلاتى» ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 188 دۆلەت ۋە رايوندىكى ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەرنى باھالاپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 719 قېتىم كۆرۈلدى
21/07/2022 14:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق