ئون مىڭغا يېقىن خىتاي مىليونېر خىتايدىن ئايرىلىشنى پىلانلىماقتا

خىتايدىكى قاتتىق كونتروللۇق، ئىقتىسادىي ۋەزىيەت قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئون مىڭغا يېقىن خىتاي مىليونېر خىتايدىن كېتىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇنى ئىشقا ئاشۇرالىشى ئېنىقسىز ئىكەن.

بىلۇمبېرگ خەۋەر ئاگېنتلىقى 19-ئىيۇل مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ قاتتىق بولۇشى ۋە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئاستىلىشى سەۋەبىدىن تەخمىنەن ئون مىڭ خىتاي مىليونېرنىڭ خىتايدىن كېتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

كۆچمەنلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش مەسلىھەتچىلىك شىركىتى «Henley&Partners»نىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە زور بايلىققا ئىگە ئون مىڭ خىتاي پۇقراسى چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، ئەگەر خىتايدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆچۈپ كېتىپ قالسا، ئۇلارنىڭ جەمئىي 48 مىليارد دوللارغا يېتىدىغان مال-مۈلكى خىتاينىڭ قولىدىن چىقىپ كېتىدىكەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاي كەلگۈسىدە بايلىق ۋە نوپۇسى چەت ئەلگە ئېقىپ كېتىشتە رۇسىيەدىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىدىكەن.

نۆۋەتتە خىتاي بايلىرىنىڭ بېشىنى قاتۇرغىنى «خىتاي ئۇلارنى قويۇپ بېرەمدۇ-يوق؟» دېگەن مەسىلە بولۇپ قالغان. گەرچە خىتاي رېجىمى كۆچۈپ كەتكۈچىلەرگە ئېنىق چەكلىمە قويمىغان بولسىمۇ، بىراق كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئادۋوكاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىنقى ئايلاردا پاسپورت بېجىرىش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن، ھۆججەت تەلىپى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشقا باشلىغان، بۇ سەۋەبلىك كۆچمەنلىك ئىشلىرى قىيىنلاشقان. ئۇزۇندىن بۇيان شەخسىي ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ خىتاي كاپىتالىنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىۋاتقان چەت ئەلدىكى سودىگەرلەرمۇ يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن ئازىيىشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن زور مىقداردىكى بايلىقنى خىتايدىن يۆتكەش تېخىمۇ قىيىنلاشقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدىكى بايلار بىلەن خىتاي كوممۇنىست رېجىمى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بارغانسېرى جىددىيلىشىشكە باشلىغان. شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئاتالمىش «ئورتاق بېيىش» سىياسىتى جەريانىدا بۇ جىددىيچىلىك تېخىمۇ كۈچەيگەن. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى بۇ يىلنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، شى جىنپىڭ ئۈچىنچى نۆۋەت ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ سەۋەبلىك خىتاي رېجىمى نۆۋەتتە ئاتالمىش «مۇقىملىقنى ساقلاش»نى مۇھىم ئورۇنغا قويغان.

خەۋەردە بىر قىسىم خىتاي مىليونېرلىرى مىسال سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرگە كېتىشنى خالايدىغانلىقىنى، ئۆي قاتارلىق مۇقىم مۈلۈكلىرىنى سېتىشقا باشلىغانلىقىنى، ئەمما پۇللىرىنى يۆتكەشنىڭ تەسكە چۈشۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. خىتايدىكى كۆچمەنلەر مەسلىھەتچىلىرى ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل شاڭخەي قامال قىلىنغان ۋاقىتتا، خىتايدىن كۆچۈپ كېتىش دولقۇنى ئىلگىرىكى ئۈچ يىلدىكىدىن بەش ھەسسە ئۆرلىگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 746 قېتىم كۆرۈلدى
22/07/2022 15:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق