ئامېرىكا: خىتاينىڭ ھۇجۇمى ۋاقىت مەسىلىسى، ئەنگلىيە: خىتاي رۇسىيەدىنمۇ زور تەھدىت

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە قوشنا ئەللەرگە قاراتقان زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە، دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەر خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتمەكتە ۋە كۈچلۈك تەرىقىدە ئاگاھلاندۇرماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ باش گېنېرالى بېن كىي 19-ئىيۇل ئەنگلىيەدىكى بىر ئەقىل ئامبىرىدا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ رۇسىيەگە قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «گەرچە رۇسىيەنىڭ تەھدىتى بىزگە كۆرۈنۈپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تېخىمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك خىرىس پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا  غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى تۆۋەن مۆلچەرلىمەسلىكى كېرەك» دېگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنىڭ ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىك مۇھىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، غەرب ئەللىرى يېقىن مەزگىلدە چوقۇم ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك بولغان تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى، ئەمما ئەنگلىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ چوقۇم كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

گېنېرال بېن كىينىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي رېجىمى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە غەربنىڭ رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قايتۇرغان ئىنكاسلىرىدىن تەجرىبە ۋە ساۋاق ئېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن ئەڭ چوڭ مەنپەئەتلەنگۈچىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ يەنە: «بىز موسكۋانىڭ بەزى جەھەتلەردىكى ھەربىي ئىقتىدارىنى يۇقىرى مۆلچەرلىگەن بولۇشىمىز مۇمكىن، ئەمما بىز چوقۇم ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشىمىز، خىتاينىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى تۆۋەن مۆلچەرلىمەسلىكىمىز كېرەك» دېگەن.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ بۇلتۇرقى ھەربىي خىراجىتى رۇسىيەنىڭ تۆت ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، خىتاي نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئۇرۇش پاراخوتى ئەڭ كۆپ بولغان دېڭىز ئارمىيەسىگە ئىگە ئىكەن ۋە زور تۈركۈمدە دېڭىز ساقچىلىرى ۋە دېڭىز ئارمىيەسى ئەسكەرلىرى بار ئىكەن.

ئۇندىن باشقا ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋىليام بۇرنس 20-ئىيۇل كولورادو ئىشتاتىدىكى ئاسپېن بىخەتەرلىك مۇنبىرىدە سۆز قىلغاندا خىتاينىڭ زومىگەرلىك ھەرىكىتى ھەققىدە توختالغان ۋە شى جىنپىڭنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدىن كېيىنلا تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، ئەمما شى جىنپىڭنىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش نىيىتىگىمۇ سەل قارىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي رېجىمىغا نىسبەتەن نۆۋەتتىكى مەسىلە تەيۋەننى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن قورال كۈچى ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىك ئەمەس، بەلكى قاچان ۋە قانداق تەرىقىدە ئىشلىتىش ئىكەن. كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش خەۋپى بارغانسېرى كۈچىيىدىكەن.

ۋىليام بۇرنس خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئەھۋالىدىن ئىبرەت ئېلىشى كېرەكلىكىنى، يەنى تېز ۋە ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان تەرەپنىڭ چوقۇم قارشى تەرەپنى بېسىپ چۈشكىدەك كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە شى جىنپىڭنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدىن كېيىنلا دەرھال تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 826 قېتىم كۆرۈلدى
23/07/2022 12:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق