«ئۈمىد تەربىيەلەش پىروگراممىسى»نىڭ بۇ يىللىق مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

24-ئىيۇل ئىستانبۇلدا «ئۈمىد تەربىيەلەش پىروگراممىسى»نىڭ 2022-يىللىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، تۈركىيەنىڭ تولۇق ئوتتۇرىغا كۆچۈش ئىمتىھانىدا يۇقىرى نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلار مۇكاپاتلاندى.

مۇراسىم ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقفى زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئالىم-ئۆلىمالار، ئاكادېمىكلار، تەشكىلات مەسئۇللىرى، جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىشتىراك قىلدى. مۇراسىمغا سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى كونيا شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىم شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللامنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى.

پائالىيەتتە ئالدى بىلەن سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قارىھاجىم، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقفى رەئىسى ئابدۇرازاق ئۇجات، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان قاتارلىقلار سۆز قىلدى. ئۇلار ئۈمىد تەربىيەلەش پىروگراممىسىنى تەسىس قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى، پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەشكە كۈچ ۋە ئىقتىساد سەرپ قىلىشنىڭ مۇھىملىقى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق مۇجادىلىسىدە مائارىپنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكى قاتارلىقلار نۇقتىلار بويىچە قىسقىچە سۆز قىلدى.

مۇراسىمدا تۈركىيەنىڭ تولۇق ئوتتۇرىغا كۆچۈش ئىمتىھانىدا 400 دىن يۇقىرى نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلار نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلانغان بولۇپ، 468.47 نومۇر بىلەن بىرىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن بىر ئوقۇغۇچىغا 10000 لىرا، 468.15 ۋە 467.61 نومۇر بىلەن ئىككىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن ئىككى ئوقۇغۇچىغا 7500 لىرا، 467.49، 466.52 ۋە 462.97 نومۇر بىلەن ئۈچىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن ئۈچ ئوقۇغۇچىغا 5000 لىرا تەقدىم قىلىندى. شۇنداقلا 400 دىن يۇقىرى نومۇر ئالغان 18 ئوقۇغۇچىغا 500 لىرادىن نەق پۇل، پائالىيەتكە تىزىملاتقان باشقا 52 ئوقۇغۇچىغا بىردىن سومكا تارقىتىپ بېرىلدى.

مۇراسىم ئاخىرىدا سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى دوكتورانتى ئابدۇرېھىم دۆلەت قىسقىچە سۆز قىلىپ، پەرزەنتلەرنى ئىلىملىك قىلىپ تەربىيەلەشتىكى مەقسەتنىڭ ئۇلارنى پەقەت يۇقىرى نومۇر ئالىدىغان ئۆگىنىش ماشىنىسى قىلىپ قويۇش ئەمەس، بەلكى ئىگىلىگەن ئىلمى ئارقىلىق ۋەتىنىگە، خەلقىگە ئەڭ زور دەرىجىدە خىزمەت قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

«ئۈمىد تەربىيەلەش پىروگراممىسى» 2021-يىلى تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەقفى ۋە ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقفى تەرىپىدىن بىرلىكتە يولغا قويۇلغان بولۇپ، تۈركىيەدىكى تالانتلىق ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى قېزىپ چىقىپ، يېتىشتۈرۈش نىشان قىلىنغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1203 قېتىم كۆرۈلدى
25/07/2022 18:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق