ئارگېنتىنالىق داڭلىق شائىر مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلىدى

ئارگېنتىنالىق شائىر ئەلئەقسا مەسچىتى ھويلىسىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ 28-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئارگېنتىنالىق شائىر ھەم رەسسام لېئوناردو گاستون ھېرمان ئەلئەقسا مەسچىتىنىڭ ھويلىسىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، لېئوناردو گاستون ھېرمان پەلەستىنلىك دىپلومات مۇنجىد سالىھنىڭ يېتەكچىلىكىدە شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىپ ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سىندا ئۇنىڭ ئارقىسىدا قىيا تاش گۈمبەز كۆرۈنۈپ تۇرغان بولۇپ،  شائىرنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاڭلىغان نەق مەيداندىكى كىشىلەر ھاياجان ئىچىدە: «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر توۋلاشقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھېرمان خەلقئارا يازغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ، چارشەنبە كۈنى ئېرۇسالىمغا يېتىپ كەلگەن. ئۇ يەردە پەلەستىن خەلقى بىلەن بىرلىكتە جەنۇبىي ئامېرىكا مەدەنىيەت ۋە سىياسىي ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالغان.

ھېرمان پەلەستىن زېمىنىنى زىيارەت قىلىپ، يەرلىك پەلەستىن رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.

ھېرمان قەلئە شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى بىلەن كۆرۈشكەندە: «دۇنيا گەرچە پەلەستىننىڭ رېئاللىقىنى بىلسىمۇ ئەمما بۇ مەسىلىگە ئامېرىكىنىڭ كۆزى بىلەن قارىماقتا» دېگەن. ئۇ يەنە پەلەستىن خەلقىنىڭ ئىشغالىيەتچىگە قارشى تۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى قوللايدىغانلىقىنى ھەمدە پەلەستىننى زىيارەت قىلىش خۇشاللىقىنى ئىپادىلىگەن.

ئۇ يەنە: «خەلقئارا يازغۇچىلار بىرلەشمىسى ئارقىلىق بىز ھەقىقەتنى دۇنياغا يەتكۈزىمىز، پەلەستىن خەلقى ئازادلىققا ئېرىشكۈچە ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنى قوللايمىز» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھېرمان يازغۇچى، رەسسام ۋە شائىر بولۇپ، 1975-يىلى ئارگېنتىنادا تۇغۇلغان. ئۇ نۇرغۇن سەنئەت كۆرگەزمىلىرىگە قاتناشقان بولۇپ، دۇنيانىڭ نوپۇزلۇق تور بېكەتلىرىدە ئۇنىڭ نۇرغۇن كىتاب، شېئىر توپلاملىرى بار ئىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3249 قېتىم كۆرۈلدى
29/07/2022 11:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق