ئامېرىكىنىڭ ئاسىياغا ئالاھىدە قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى خىتاينى ئەندىشىگە سالدى

ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارى ئاسىياغا ئالاھىدە قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، بۇ خىتاينى قاتتىق ئەندىشىگە سالغان.

ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئەمەلدارى بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ياپونىيەدىكى بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئاسىياغا ئالاھىدە قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، تور ئۇرۇشى ۋە ئېلېكترون ئۇرۇشى بىر گەۋدىلەشكەن ھۇجۇم سىستېمىسى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق تەيۋەن بوغۇزى ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى خىتاينىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ھەرىكەتلىرى ۋە پىلانلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدە ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلەتكەنلىكىنىڭ خەتەرلىك يۈزلىنىش ئىكەنلىكىنى، رايون دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلغان. ئۇ يەنە: «ئەگەر ئامېرىكىنىڭ بۇ پىلانى يولغا قويۇلسا، خىتاي بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە بۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچقانداق خام خىيالدا بولماسلىقى كېرەك» دەپ تەھدىت سالغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 632 قېتىم كۆرۈلدى
30/07/2022 12:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق