خىتايغا قارشى يەنە بىر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللاندى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 28-ئىيۇل يۇقىرى ئاۋاز بىلەن «ئۆزەك ۋە ئىلىم-پەن قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغان بولۇپ، بۇ قانۇننىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ خىرىسىغا قارشى ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن قوللايدىغانلىقى تەكىتلەنمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئالدىنقى مەزگىللەردە كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللانغان، قىممىتى 280 مىليارد دوللارغا يېتىدىغان «ئۆزەك ۋە ئىلىم-پەن قانۇن لايىھەسى»نى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللىغان. بۇ قانۇن خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش دەپ قارالغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن خىتاينىڭ گېئوپولىتىكىلىق خىرىسلىرىغا قارشى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك قوللاش ھېسابلىنىدىكەن.

ئامېرىكىنىڭ ئۆزەك ساھەسىگە سالغان مەبلىغى ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئىزچىل تۆۋەنلەپ كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئامېرىكىنىڭ دۇنيا ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى 1990-يىلىدىكى %40 تىن نۆۋەتتىكى %12 كە چۈشۈپ قالغان. بۇ سەۋەبلىك مەزكۇر قانۇن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئىشلەپچىقىرىش سىياسىتىگە ئەڭ چوڭ مۇداخىلە قىلىشى، دەپ قارالغان.

مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن، ئامېرىكىنىڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەرگە قارىتا %25 لىك باج ئېتىبارى يولغا قويۇلىدىكەن. ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلىرى بۇندىن ئىلگىرىكى باياناتلىرىدا، ئەگەر بۇ قانۇن ماقۇللانغان تەقدىردە، ئۇلار زاۋۇتلىرىنى ئامېرىكىغا قۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

گەرچە مەزكۇر قانۇن لايىھەسى نۇرغۇن كەمچىللىككە ئىگە، دەپ تەنقىد قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، جۈملىدىن خىتايغا يېتەرلىك دەرىجىدە قاتتىق قول بولمىغان، دەپ قارالغان بولسىمۇ، پۇت تېپىشىۋاتقان ھەر ئىككى پارتىيە تەرىپىدىن ئورتاق ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي مەسىلىسىگە جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

نۆۋەتتە مەزكۇر قانۇن لايىھەسى پىرېزىدېنت بايدېنغا سۇنۇلىدىكەن ۋە ئىمزا قويۇشىدىن كېيىن رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 616 قېتىم كۆرۈلدى
30/07/2022 13:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق