خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 31-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ چۈنلىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى توغرىسىدا تەكشۈرۈشتە بولغان. ئۇ تەكشۈرۈش داۋامىدا: «باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش-پايدىلىنىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى مول تارىخىي ئوزۇق بىلەن تەمىنلەش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

خىتاي دائىرىلىرى 2017-يىلى 12-ئايدا ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك ئاتالمىش يېڭى قانۇننى تۈزۈپ چىقىپ، ئۇنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرىگە تارقىتىپ بېرىلگەنىدى ۋە 2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلغانلىقى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلانغانىدى. خىتاي مەزكۇر پىلانغا ئاساسەن، ئىسلام دىنىغا قارشى تېررور سىياسىتىنى تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىت چېقىۋېتىلگەن ياكى بۇزۇۋېتىلگەن. ساق قالغان بىر قىسىم مەسچىتلەر قاۋاقخانا، چايخانا دېگەندەك باشقا پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلگەن. ئۇندىن باشقا دىنغا ئالاقىدار بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەر تولۇق چەكلەنگەن بولۇپ، خەلق ئىسلامدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانغان. خىتاي ئالدىنقى بەش يىللىق پىلانى مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر تېررور سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا سولانغاندىن سىرت، سىرتتىكىلەرنى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىمۇ توختاۋسىز داۋام قىلدى.

يېقىندىن بېرى خىتاي يەنە ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش»، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى» كۈچەيتىش قاتارلىق رەزىل پىلانلىرىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خىتاي بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىدى. ئۇيغۇرلارنى باشقا يۇرتلارغا مەجبۇرى سۈرگۈن قىلىش ۋاسىتىلىرى بىلەن تارقاقلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇھىتىدىن يىراقلاشتۇردى ھەمدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى مەجبۇرى ھالدا ئاتا-ئانىسىدىن ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىپ، خىتاي تىلى ۋە خىتاي مەدەنىيەت مۇھىتىدا پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇپ، مىللىي ئاڭ، مىللىي تۇيغۇ، مىللىي مەدەنىيەتتىن مەھرۇم ھالدا تەربىيەلەشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ھەرخىل رەزىل ۋاسىتىلەر ۋە تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ماددىي-مەنىۋى مەدەنىيىتىنى چەكلەپ ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك، بىناكارلىقتىن تارتىپ، ھەتتا ئۆي-سەرەمجانلىرىنىمۇ پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن ماس قەدەمدە خىتاي مەدەنىيىتىنى ئالاھىدە تەشۋىق قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەر تەرەپتىن باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 976 قېتىم كۆرۈلدى
01/08/2022 15:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق