«ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەس تۇر» نامايىشى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلدى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 100 دىن ئارتۇق ئىسلامىي تەشكىلاتنىڭ ھەمكارلىقىدا بەرپا قىلىنغان «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەس تۇر» ھەرىكىتى 31-ئىيۇل دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زور كۆلەملىك خەلقئارالىق نامايىش ئۆتكۈزدى.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن كۆپلەپ ئاۋاز چىقىرىۋاتقان، ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە زور كۆلەملىك نامايىش تەشكىللەپ زور تەسىر قوزغىغان، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 100 دىن ئارتۇق ئىسلامىي تەشكىلاتنىڭ ھەمكارلىقىدا بەرپا قىلىنغان «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەس تۇر» ھەرىكىتى 31-ئىيۇل يەنە بىر قېتىم زور كۆلەملىك خەلقئارالىق نامايىش تەشكىللىدى.

«ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دەرھال توختات» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر نامايىش ئەنگلىيەنىڭ لوندون، مانچېستېر شەھەرلىرى، شوتلاندىيەنىڭ ئېدىنبۇرگ شەھىرى، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون، نىيۇيورك، لوس-ئانژېلېس شەھەرلىرى، كانادانىڭ تورونتو شەھىرى، ئاۋسترالىيەنىڭ بىرىسبېين شەھىرى، يېڭى زېللاندىيەنىڭ ئاكلەند شەھىرى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرى ۋە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھانسبېرگ شەھىرىدىكى خىتاينىڭ ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا ياكى مۇھىم ئورۇنلاردا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئىنتايىن داغدۇغىلىق داۋاملاشتى.

ئىستانبۇلدىكى نامايىشنى تەشكىللەشكە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى مەسئۇل بولغان بولۇپ، ئىستانبۇل فاتىھ رايونىغا جايلاشقان ساراچخانە باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشتا سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى كونيا شۆبىسى رەئىسى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىن ھاجى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام، شەرقىي تۈركىستان ۋەقفى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىگە ۋاكالىتەن ئابدۇللاھ ئوغۇز، ئىستانبۇل مۇسۇلمانلار كوللېكتىپى تەشكىلاتىدىن ئىلخان ئىبراھىم خانىم، ژۇرنالىست، يازغۇچى خالىس ئۆزدەمىر ۋە پېشقەدەم پائالىيەتچى مەھمۇدجان توختى ھاجىم قاتارلىقلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەھشىي ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە بۇ جىنايەتلەرنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

نامايىشتا يەنە كەسپىي رەسسام تەرىپىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقىغا ۋە ۋەھشىي جىنايەتلىرىگە سىمۋول قىلىنغان قانغا بويالغان شەرقىي تۈركىستان بايرىقى سىزىلدى.

ئۇندىن باشقا «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەس تۇر» ھەرىكىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، نامايىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن، يەنى 29-ئىيۇل يۇقىرىقى دۆلەتلەردىكى ھەرقايسى مەسچىتلەردە بىردەك ھالدا شەرقىي تۈركىستان خەلقى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيەت تېما قىلىنغان جۈمە خۇتبىسى ئوقۇلدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 872 قېتىم كۆرۈلدى
01/08/2022 15:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق