خىتاي جازانىڭ تەمىنى تېتىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايى قىلمىشلىرىغا قارشى يولغا قويغان ئېمبارگو ھەمدە ئالاقىدار سىياسەتلەر خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلىشىگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتمەكتە. بۇ ئىشلاردىن بىئارام بولغان خىتاي خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېڭىشى بۇ ھەقتە مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك دوكلات ۋە سىياسەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى قالايمىقانلاشتۇرۇش ۋە شەرقىي تۈركىستاننى كوزىر قىلىپ خىتاينى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئېنىق ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بېيجىڭ گېزىتىنىڭ 29-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە،  خىتاي خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېڭىشى ئۆتكۈزگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان خىتاي خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرى فېڭ ياۋشياڭ بىلجىرلاپ: "ئامېرىكا ئېلان قىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ۋەھشىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»، «2022- يىللىق دوكلات» ۋە «ۋەھشىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» خىتايغا چاپلانغان تۆھمەت ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىر مۇخبىر فېڭ ياۋشياڭدىن: «ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلى ۋېسېل (Elie  Wiesel) ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ۋەھشىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى توغرىسىدىكى 2022-يىللىق دوكلاتىنى پارلامېنتقا سۇنۇپ، ئامېرىكا تارىخىدا تۇنجى بولۇپ «ۋەھشىيلىكنى ئالدىن كۆرۈش، ئالدىنى ئېلىش ۋە مۇداخىلە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» نى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، دوكلاتنىڭ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنىدا يەنە بىر قېتىم شەرقىي تۈركىستاندا «مەجبۇرىي ئەمگەك» نىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ خىتاينى ئەيىبلىدى. خىتاي خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېڭىشى بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدۇ؟ جازانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان خىتاي كارخانىلىرىغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟» دەپ سورىغان.

فېڭ ياۋشياڭ بۇ سوئالغا بەرگەن جاۋابىدا ھەر دائىمقىدەكلا: «ئامېرىكا دوكلاتىدىكى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنىڭ ھېچقانداق پاكىت ئاساسى يوق. ئامېرىكا يالغان ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلىپ، شىنجاڭدا ​​مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى بارلىقىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ قانۇن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە چەتئەلگە مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋەتتى ھەمدە شىنجاڭ خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى» دەپ بىلجىرلىغان.

فېڭ ياۋشياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە: خىتاي خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېڭىشى چېگرا ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئومۇميۈزلۈك قوللاش سۇپىسى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، بۇ سۇپا ئارقىلىق ئېمبارگونىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كارخانىلار ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئاممىۋى قانۇن ياردىمىگە ئېرىشەلەيدىكەن. مەزكۇر سۇپىنىڭ باش بېتىدە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا قارشى بىر ئىستون قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئىستون ئارقىلىق قىزىق نۇقتا خەۋەر ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرىنى ئېلان قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس تېلېفون لىنىيەسى ئاچقان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق تەسىرگە ئۇچرىغان شىركەتلەر ھەققىدە پىكىر ۋە ماتېرىيال توپلاپ شىركەتلەرگە ياردەم بېرىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 806 قېتىم كۆرۈلدى
02/08/2022 10:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق