ئەنگلىيە سودىگەرلىرى خىتايدىن چىقىپ كېتىشنى تاللىدى

ئەنگلىيە بىلەن خىتاينىڭ سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتى داۋاملىق ناچارلىشىۋاتقان بولۇپ، ئەنگلىيە سودىگەرلىرى خىتايدىن چىقىپ كېتىشنى تاللىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 31-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈىشچە، ئەنگلىيە سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تونىي دانكېرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي بىلەن سودا قىلىشتا ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولغان ئەنگىلىيەلىك سودىگەرلەر ئەنگىلىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي مۇناسىۋەتنىڭ داۋاملىق جىددىيلىشىشى ۋە ناچارلىشىشى سەۋەبلىك خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشنى ئويلاشقان. نۆۋەتتە سودىگەرلەرنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئەنگلىيەدىكى پۇل پاخاللىقى بېسىمىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

دانكېر ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلغان.

ئۇ سۆزىدە يەنە: «نۆۋەتتە مەن بىلەن پاراڭلاشقان ھەربىر شىركەت تەمىنلەش زەنجىرىنى قايتىدىن ئويلىشىپتۇ، چۈنكى ئۇلار سىياسەتچىلەر مۇقەررەر ھالدا خىتايدىن ئايرىلغان دۇنياغا قاراپ يۈزلەنمەكتە» دېگەن. دانكېر ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئەگەر ئەنگلىيە ئۆزىنى خىتاينىڭ مېلىغا تايىنىشتىن قۇتۇلدۇرماقچى بولسا، چوقۇم يېڭى سودا شېرىكلىرىنى تېپىشى شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش كونا سودا شېرىكلىرى بىلەن قايتا ئۇچرىشىشى كېرەك. بولمىسا، سودىگەرلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى تەننەرخى شىددەت بىلەن ئۆسۈپ كېتىدۇ. ئەنگىلىيە يەنە سودا ئىستراتېگىيەسىنى قايتىدىن بەلگىلىشى كېرەك.» دېگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە: «ئەگەر سىياسىي مۇتەخەسسىسلەر ۋە بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سۆزلەۋاتقىنى توغرا بولسا، ھەممىمىز يەنە ياخشى دوستلاردىن بولۇشىمىز كېرەك» دېگەن.

دانكېرنىڭ قارىشىچە، ئەنگىلىيە دۇنيادا يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاق قۇرۇشى كېرەك ئىكەن. ئۇ يەنە ۋاشىنگىتوندا شىركەتلەرنىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن خىتاي شىركەتلىرىدىن ئايرىلىشتىكى قەيسەرلىكى كۆپچىلىكنىڭ مۇزاكىرە قىلىشقا تېگىشلىك بىر تېما ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقى ئەنگلىيەنىڭ رەسمىي سودا سانلىق مەلۇماتلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي 2021-يىلى ئەنگىلىيە ئىمپورتىنىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەسى ئىكەن. خىتاينىڭ ئەنگىلىيەگە قىلغان ئېكسپورتى ئەنگىلىيە ئىمپورتىنىڭ %13 نى ئىگىلەيدىكەن. خىتايمۇ ئەنگىلىيەنىڭ ئالتىنچى چوڭ ئېكسپورت رايونىنىڭ بىرى ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگىلىيە بىلەن خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خوڭكوڭ ۋە باشقا مەسىلىلەر سەۋەبىدىن خىتاي بىلەن ئالاقە قىلىش مەسلىسىدە بىخەتەرلىك ئەندىشىسى بارغانسېرى كۈچىيىپ ئېھتىيات قىلىشقا باشلىغان. ئالتىنچى باشقارمىنىڭ باشلىقى رىچارد مور ئالدىنقى ھەپتە ئاشكارا ھالدا: "نۆۋەتتە ئۇنىڭ بىرىنچى مۇھىم خىزمىتى خىتاي ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ خىتايغا قارشى تېرورچىلارغا قارشى تۇرۇشتىنمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى چىقىش قىلىپ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئەنگىلىيە شىركەتلىرىنى سېتىۋېلىشىنى چەكلىدى. ئۇندىن باشقا ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى لىز ترۇس ۋە سابىق مالىيە ۋەزىرى، ھازىرقى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ۋە باش ۋەزىر نامزاتى رىشى سۇناك قاتارلىقلار خىتايغا قاتتىق سىياسەت قوللىنىشنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇھىم سىياسىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 889 قېتىم كۆرۈلدى
02/08/2022 10:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق