خىتاي «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» ھەققىدە يەنە جار سالدى

خىتاي مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى خۇ خېپىڭ شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان  ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش مۇھىم تەدبىردۇر» دەپ بىلجىرلىدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە،  31-ئىيۇل كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خىتاي مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت مەسئۇل بولغان  ئاتالمىش «2022 شىنجاڭ ياخشى جاي، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» نامىدىكى كۆرگەزمە ئۈرۈمچىدىكى گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ئېچىلغان.

كۆرگەزمىگە خىتاي مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى خۇ خېپىڭ، ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي. ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ چۈنلىن قاتارلىق ئەمەلدارلار ئىشتىراك قىلغان. كۆرگەزمىدە سۆز قىلغان خۇ خېپىڭ: «پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، مول بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى ئوزۇقلاندۇرۇپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى گۈللەندۈرۈپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

كۆرگەزمىدە سۆز قىلغان قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز: «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى كونكرېت ئەمەلىيەت بولسا شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشتىكى كونكرېت تۇتقا. شىنجاڭ خەلقى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تولۇق قوبۇل قىلىشى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى سىجىل مۇستەھكەملىشى كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مەركىزى ئىدىيىسى بىلەن قارشىلىشىپ كېلىۋاتقان ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ۋە قىرغىن قىلىش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئاتالمىش يېڭى قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقىپ، مەجبۇرى ئىجرا قىلغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلغانلىقى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلانغانىدى. خىتاي مەزكۇر پىلانغا ئاساسەن، ئىسلام دىنىغا قارشى تېررور سىياسىتىنى تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلماقتا بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىت چېقىۋېتىلدى ياكى بۇزۇۋېتىلدى. ساق قالغان بىر قىسىم مەسچىتلەر قاۋاقخانا، چايخانا دېگەندەك باشقا پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلدى. ئۇندىن باشقا دىنغا ئالاقىدار بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەر تولۇق چەكلەنگەن بولۇپ، خەلق ئىسلامدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاندى.

ئۇندىن باشقا خىتاي يېقىندىن بىرى شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانى دائىرىسىدە ئاتالمىش «خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» نامىدا شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ئاققۇنلارنى يەرلەشتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايلارنىڭ سانىنى كۆپەيتمەكتە ۋە بۇنىڭغا ماس قەدەمدە ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي ئۆلكىلىرى ھەمدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا رايونلىرىغا يۆتكەپ زىچ ئولتۇراقلاشقان خەلقىمىزنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر مەھەللە ۋە قوشنىدارچىلىق مەدەنىيىتىنى يوق قىلىپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 940 قېتىم كۆرۈلدى
02/08/2022 13:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق