شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن بىر قانچە كىشى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى

خىتاي خەلق تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 8-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 0 دىن 24 كېچە، شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يۇقۇملانغۇچى يوق ئىكەن. يېڭىدىن كۆپەيگەن ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى 28 كىشى بولۇپ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە 22، غۇلجا ناھىيەسىدە 6 يۇقۇملانغۇچى كۆپەيگەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر نەپەر ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىنى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان.

8-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 24 كېچە تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يۇقۇملانغۇچى يوق بولۇپ، ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى 39، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە 31، غۇلجا ناھىيەسىدە 8 بىمار بار ئىكەن.

خىتاي رېجىمى بۇ قېتىملىق خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى دولقۇنىدا «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلغان بولۇپ، نازارەت ۋە كونتروللۇق تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن. بۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا زەربە بېرىپلا قالماي، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىقىنىمۇ قوزغىغان. ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستاندا يىللاردىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان باستۇرۇش ۋە كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى باھانىسى بىلەن تېخىمۇ كۈچەيتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 887 قېتىم كۆرۈلدى
02/08/2022 13:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق