نەنسى پېلوسىنىڭ خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارىماي تەيۋەننى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسى خانىم خىتاينىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي تەيۋەننى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن.

ئاۋسترالىيە خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسى سەيشەنبە كۈنى كەچتە تەيۋەنگە يېتىپ بېرىپ، پرېزىدېنت سەي يىڭۋېن بىلەن كۆرۈشدىكەن. بۇ زىيارەت 24 مىليون نوپۇسقا ئىگە دېموكراتىك ھاكىمىيەتنى تارىخىي قوللاش بولۇپ، خىتاينىڭ بىر نەچچە ھەپتە داۋام قىلغان تەھدىتلىرىگە پىسەنت قىلمايدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىكەن.

تەيۋەن ئەركىنلىك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ بۇ قېتىملىق تەيۋەن زىيارىتى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ 25 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق تەيۋەننى زىيارەت قىلىشى بولۇپ قالىدىكەن. نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ تەيبېي سۇڭشەن ئايرودرومىغا يېتىپ كېلىشى مۆلچەرلەنگەن. بۇ خەۋەرنى پرېزىدېنت سەي يىڭۋېن ھاكىمىيەت بېشىدىكى دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن زىچ ئالاقىسى بار گېزىت خەۋەر قىلغان.

تەيبېيدىكى مەنبەلەرگە قارىغاندا، نەنسى پېلوسى خانىم چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە سەي يىڭۋېن بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا ئاگاھلاندۇرۇپ: «بىز ئامېرىكىنى يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمز، خىتاي كۈتۈپ تۇرماقتا، خىتاي ئارمىيەسى بۇ مەسىلىدە ھەرگىز بوش كەلمەيدۇ» دەپ تەھدىت سالغان.

شۇنداقلا ۋاشىنگىتوندىكى بەزى تەھلىلچىلەر بۇ سەپەرنىڭ ھەربىي كرىزىس كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1061 قېتىم كۆرۈلدى
02/08/2022 15:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق