خىتاي ۋىرۇس باھانىسى بىلەن غۇلجىنى قامال قىلدى

خىتاي يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سىرتقى مۇھىتتىن ئايرىپ كونترول قىلىپ كەلگەن بولۇپ، يىللاردىن بېرى ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نامىدا باستۇرۇپ كەلگەن بولسا، يېقىنقى مەزگىللەردە ئاتالمىش «ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش» باھانىسى بىلەن تېخىمۇ قاتتىق قامال قىلماقتا.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 2-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىلى ۋىلايىتىدىكى خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش» نامىدا غۇلجا تەۋەسىنى قاتتىق قامال قىلغان. قامال قىلىش تەدبىرى غۇلجىغا كىرگەنلەرنى ئەمەس، بەلكى غۇلجىدىن سىرتقا چىققان كىشىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.

دائىرىلەر يېقىندا غۇلجىدىن ئايرىلىدىغان خەلقنى تۆمۈريول، ئايرودۇرۇم، تاشيول يولۇچىلار بېكىتى ۋە تاشيول تەكشۈرۈش ئېغىزلىرىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشنى، ھەم سىرتقا چىقماقچى بولغانلاردا 24 سائەت بۇرۇنقى ساغلاملىق تەكشۈرۈش ئىسپاتى، ساغلاملىق يېشىل كودى ۋە خەۋەرلىشىش چوڭ سانلىق مەلۇمات مۇساپە كارتىسى قاتارلىق رەسمىيەتلەرنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇندىن باشقا غۇلجىدىن ئايرىلغانلاردىن بارماقچى بولغان مەنزىلگە يېتىپ بارغاندىن كېيىنمۇ تەۋەلىكتىكى ئاتالمىش «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش» باھانىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقارغان قامال قىلىش تەدبىرلىرىگە ماسلىشىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1142 قېتىم كۆرۈلدى
03/08/2022 12:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق