شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى تېزلىكتە كۆپەيمەكتە

شەرقىي تۈركىستاندىكى سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن 20 ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى كۆپەيگەن.

خىتاي خەلق تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 8- ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 0 دىن 24 كىچە، شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يۇقۇملانغۇچى يوق بولۇپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى 20 كىشى ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە 15 يۇقۇملانغۇچى، غۇلجا ناھىيەسىدە 5 يۇقۇملانغۇچى كۆپەيگەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر نەپەر ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىنى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان.

8-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 24 كېچە تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا جەمئىي ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى 59 ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە 46، غۇلجا ناھىيەسىدە 13 بىمار بار ئىكەن.

خىتاي رېجىمى بۇ قېتىملىق خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى دولقۇنىدا «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلغان بولۇپ، نازارەت ۋە كونتروللۇق تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن. بۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا زەربە بېرىپلا قالماي، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىقىنىمۇ قوزغىغان. ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستاندا يىللاردىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان باستۇرۇش ۋە كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى باھانىسى بىلەن تېخىمۇ كۈچەيتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1160 قېتىم كۆرۈلدى
03/08/2022 13:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق