خىتاينىڭ ھەرىكەتلىرى ياپونىيەنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى

خىتاينىڭ نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىغا قارشى باشلىغان ھەربىي مانېۋىرى ياپونىيەنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى.

ئاۋسترالىيە خەۋەرلىرى تورىنىڭ 3-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ تەيۋەن زىيارىتىنى قۇرۇق تەھدىتلىرى بىلەن چەكلىيەلمىگەندىن كېيىن ھەربىي مانېۋىر ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرمەكچى بولغان بولۇپ. ياپونىيەنىڭ باش كابىنېت كاتىپى خىرويچى ماتسۇنو: ھەربىي مانېۋىر رايونىنىڭ ياپونىيەنىڭ ئالاھىدە ئىقتىساد رايونى (EEZ) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە ياپونىيە تەرەپنىڭ ئاللىبۇرۇن خىتاي تەرەپكە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، پېلوسى خانىم 2-ئاۋغۇست كۈنى كەچتە تەيۋەن زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، ئارقىدىنلا خىتاي ئارمىيەسى 4-ئاۋغۇستتىن 7-ئاۋغۇستقىچە تەيۋەن ئەتراپىدىكى 6 دېڭىز رايونىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 3-ئاۋغۇست ئەتىگەندە بايانات ئېلان قىلىپ: «بۇ مانېۋىر ئىختىلاپنى قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلىش پوزىتسىيەسىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، ھەمدە خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى تەيۋەننىڭ مۇھىم پورتلىرى ۋە شەھەر رايونىغا تەھدىت سېلىشقا ئۇرۇنغانلىق بولۇپ، ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىرادىسى كۈچلۈك ھەمدە بۇنى قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىشەنچىسى بار» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، پېلوسى خانىم تەيۋەندىن يولغا چىقىپ، كورېيەدە زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، 4-ئاۋغۇست كەچتە ياپونىيەگە يېتىپ بېرىشنى پىلانلىغان. ئۇ 5-ئاۋغۇست ئەتىگەندە ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا بىلەن ناشتىدا بىرگە بولىدىكەن. ئۇ يەنە ياپونىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى خىرويۇكى ھوسودا بىلەنمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن.

ماتسۇنو سۆزىدە يەنە: «تەيۋەن بوغۇزىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ياپونىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىدا ئىنتايىن مۇھىم» دېگەن.

ئۇ مۇخبىرنىڭ پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىنى قوللايدىغان ياكى قوللىمايدىغانلىقى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا: «ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە مەيدان ئىزھار قىلىشىنىڭ ئورنى يوق» دەپ جاۋاب بەرگەن. مۇخبىرلار ئۇنىڭدىن كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارغا قارىتا ياپونىيە قوغدىنىش قىسىملىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ياكى ئورۇنلاشتۇرۇلمىغانلىقى ھەققىدە سورىغان سوئالغا جاۋاب بەرگەن ماتسۇنو: «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە قوغدىنىش قىسىملىرى ئاللىبۇرۇن ياپونىيەنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز ۋە ھاۋا بوشلۇقىدا كۆزىتىش ۋە ئاخبارات ئىزدەش پائالىيەتلىرىنى باشلىدى» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پېلوسى خانىمىڭ يەتتە يىلدىن كېيىن قىلغان ياپونىيە زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ماتسۇنو ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى پارلامېنت ئالاقىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك مۇناسىۋەت پائالىيىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 993 قېتىم كۆرۈلدى
04/08/2022 13:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق