خىتاي بۇ يىل 37 مىڭ خىتاينى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈردى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانى دائىرىسى ئىچىدە ئاققۇن خىتايلارنى كۆچۈرۈشنى داۋام قىلىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن يۇرتلىرىدىن خىتايغا سۈرگۈن قىلغان. خىتاي بۇ قېتىم ئاتالمىش «غەربىي رايون پىدائىيلىرى» نامىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتكە 2022-يىلى يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان 36 مىڭ 700 نەپەر ئوقۇش پۈتتۈرگەن خىتاينى شەرقىي تۈركىستان بىلەن تىبەتكە يولغا سالغان.

خىتاي رېجىمى 2017‏-يىلى 2‏-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، تەخمىنەن بەش مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغاندىن كېيىن، لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇۋانى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىكى قورچاق ئورگانلىرى ئوبلاست، ۋىلايەتلەردە ئاتالمىش «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدىكى سۈرگۈن قىلىش ھەرىكىتىنى ئەمگەك كۈچى بار ئائىلىلەرگە قەدەر ئومۇملاشتۇرغان. شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى تارماقلىرى خىتاي كارخانىلىرى بىلەن توختام تۈزۈپ ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل ناملار بىلەن باشقا ئورۇنلارغا، يەنە بىر قىسمىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىپ كەلمەكتە.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 2-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 1-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېقىندا خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئاتالمىش «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى غەربىي رايونغا مۇلازىمەت قىلىش پىلانى» نامىدا خىتايلارنى غەربىي رايونغا (شەرقىي تۈركىستانغا) ئەۋەتىش مۇراسىمى تەشكىللىگەن. شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتنى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قوبۇل قىلىنغان 36 مىڭ 700 نەپەر ئاتالمىش «ياش پىدائىيلار» بۇ يىل شەرقي تۈركىستان ۋە تىبەتكە يەرلەشتۈرۈلىدىكەن. خىتاينىڭ 2022-يىللىق غەربىي رايون پىلانى «كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتى» گە كىرگۈزۈلگەن. شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈلگەن مەزكۇر خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتە يولغا قويغان يېزا-كەنت مائارىپى، يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش، ساغلام يېزا-كەنت، ئاساسىي قاتلام ياشلار خىزمىتى، يېزا-كەنت جەمئىيىتىنى ئىدارە قىلىش، ئاتالمىش «شىنجاڭ» غا مۇلازىمەت قىلىش، ئاتالمىش «شىزاڭ» غا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق مەخسۇس تۈرلەرنى يولغا قويۇش پىلانىغا ھەمكارلىشىدىكەن، شۇنداقلا مەزكۇر ئاتالمىش «پىدائىيلار» يەنە «ياش ماركسىزمچىلارنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشى» بويىچە تەربىيەلەش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلگەن.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانى دائىرىسىدە خىتاي كۆچمەنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرۈش ھەرىكىتىنى پىلانلىق ھالدا داۋاملاشتۇرغان. بۇ يىل پۈتۈن خىتايدىكى 2300 دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپتىن كەلگەن 250 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇۋاتقان ئاسپىرانتلار غەربىي رايون پىلانى يەنى (شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش پىلانى) غا تىزىملاتقان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1275 قېتىم كۆرۈلدى
04/08/2022 13:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق