شەرقىي تۈركىستاندا بىر كۈن ئىچىدە 27 يۇقۇملانغۇچى كۆپەيدى

شەرقىي تۈركىستاندىكى سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن 27 ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى كۆپەيگەن.

خىتاي خەلق تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 8- ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 0 دىن 24 كىچە يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يۇقۇملانغۇچى يوق بولۇپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى 27 كىشى ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە 21 يۇقۇملانغۇچى، غۇلجا ناھىيەسىدە 4، نىلقا ناھىيەسىدە بىر، چۆچەك ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسىدە بىر يۇقۇملانغۇچى كۆپەيگەن.

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا جەمئىي ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى 111 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە 84، غۇلجا ناھىيەسىدە 22، نىلقا ناھىيەسىدە تۆت، چۆچەك ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسىدە بىر بىمار بار ئىكەن.

ئۇندىن باشقا  8-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 24 كىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي قۇرۇلۇش قىسمى 4- دىۋىزىيەدە 14 ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى كۆپەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 64-قىسىمدا 11، 70-قىسىمدا ئۈچ يۇقۇملانغۇچى بار ئىكەن. نۆۋەتتە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى مەركەزلىك ئايرىپ داۋالاش ۋە كۆزىتىش نۇقتىسىدا كۆزىتىشكە تاپشۇرۇلغان. دىۋىزىيە دائىرىلىرى 70-قىسىمنى خەتەرلىك رايون قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، 70-قىسىمغا تەۋە باشقا رايونلارنى خەتەرلىك رايون، ئوتتۇرھال خەتەرلىك رايونلارغا ئايرىپ قامالنى كۈچەيتكەن.

خىتاي رېجىمى بۇ قېتىملىق خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى دولقۇنىدا «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلغان بولۇپ، نازارەت ۋە كونتروللۇق تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن. بۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا زەربە بېرىپلا قالماي، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستاندا يىللاردىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان باستۇرۇش ۋە كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى باھانىسى بىلەن تېخىمۇ كۈچەيتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1103 قېتىم كۆرۈلدى
05/08/2022 12:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق