خىتاي كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتى باشلىدى

خىتاي كوممۇنىستلىرى تەۋرەپ قالغان سىياسىتى، ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن 9-نۆۋەتلىك كەڭ-كۆلەملىك چوڭ تەكشۈرۈش ھەرىكىتى باشلىغان بولۇپ، 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە داۋام قىلىدىكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 3-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تەۋرەپ قالغان سىياسىتى ۋە ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە 9-قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى باشلىغان بولۇپ، خىتاينىڭ مەزكۇر چوڭ تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئىچكى موڭغۇل، تىبەت، شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلغاندىن باشقا، ئوخشاش مەزگىلىدە خىتاينىڭ ئون نەچچە ئۆلكىسىدە داۋام قىلىدىكەن. ئىگىلىنىشچە، خىتاينىڭ بۇ چوڭ تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتى تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ يىپ ئۇچىنى بايقاش ئارقىلىق مەسىلىگە ئەگىشىپ مېڭىش، مەسىلىنى كۆزلەپ تۈزىتىش، ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق ۋاقتى، زېھنىنى يىپ ئۇچىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ۋە يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش ئارقىلىق تەكشۈرۈشكە سەرپ قىلىدىكەن. خىتاي مەركىزى كومىتېت تەكشۈرۈش ئىشخانىسى ئۈچىنچى ئاۋغۇستتىن باشلاپ جەمئىيەتتىن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە مەسىلە بويىچە يىپ ئۇچى توپلايدىكەن.

يىپ ئۇچى توپلىنىدىغان ئاساسلىق مەزمۇنلار: سىياسەت-تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولماسلىق، زور ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش تەرتىپى مۇرەككەپ بولۇش، قۇرۇلۇش سۈرئىتى ئاستا بولۇش، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش مۇھىم ئامىل كاپالىتى جايىدا بولماسلىق، شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش تۈرىدە قەرەلىدە ئىش باشلىماسلىق ياكى ئىش باشلىغاندىن كېيىن قۇرۇلۇش سۈرئىتى ئاستا بولۇش، خىتاي سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش دەل جايىدا بولماسلىق، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى جايىدا بولماسلىق، مەمۇرىي تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ قالايمىقان ھەق ئېلىش، ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار مەمۇرىي بايلىقتىن پايدىلىنىپ مونوپول تىجارەت قىلىش، مەجبۇرىي مۇلازىمەت قىلىش، مۇۋاپىق بولمىغان ھەق ئېلىش، سىياسەت-تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولماسلىق، باشقا ئالاقىدار جايلار ۋە ئورۇنلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىياسەت-تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى جايىدا بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا يىپ ئۇچى توپلىنىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ يېقىندىن بىرى شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان ۋەھشىي باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش جىنايى قىلمىشلىرى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق بېسىمىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ ئۆز خەلقىگە قىلىۋاتقان يولسىزلىق قىلمىشلىرىمۇ خىتايلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقىنى، خىتاي ئىچىدىمۇ خىتاي كوممونىستلىرىغا قارشى كەيپىياتنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك يىپ ئۇچى توپلاپ يېقىندا ئېچىلماقچى بولغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1086 قېتىم كۆرۈلدى
05/08/2022 12:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق