شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدىغان يولدىن يەنە بىرسى كۆپەيدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش دائىرىسىدە يولغا قويغان كورلا-كالىنىنگراد، شەرقىي تۈركىستان-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى تۇنجى قېتىم قاتناش باشلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك، خىتاي رېجىمى ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانىلار غەرب ئەللىرى تەرىپىدىن جازالانغاندىن كېيىن، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى پۇقراۋى كارخانىلارنى تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورتىغا رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتكەن. ئۇندىن باشقا خىتاي ۋىرۇسى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا سودا ساھەسىدە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئاپەت قاتارلىق ئامىللار سەۋەبلىك خىتاي ئىقتىسادىدا چېكىنمەكتە ۋە ئۆز ئېھتىياجىنى قامداش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 4-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 1-ئاۋغۇست كۈنى چۈشتىن كېيىن، كورلا-كالىنىنگراد شەرقىي تۈركىستان-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئالاتاۋ ئېغىزىدىن چىقىپ، رۇسىيەنىڭ كالىنىنگرادقا قاراپ يولغا چىققان. بۇنىڭ بىلەن ئالاتاۋ ئېغىزىنىڭ بۇ يىل شەرقىي تۈركىستان-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى تۆتكە يەتكەن.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە بۇ قېتىمقى نۆۋەتچى پويىز 96 يۈك ۋاگونلۇق بولۇپ، يۈك ئېغىرلىقى 2474 توننا، ئاساسلىقى خىمىيە سانائىتى بۇيۇملىرى قاچىلانغان. شەرقىي تۈركىستاندىكى مەلۇم ئەشيا ئوبوروت شىركىتىنىڭ تاموژنىغا مەلۇم قىلغۇچىسى شۇ فېينىڭ ئاشكارىلىشىچە، كېيىنكى مەزگىلدە، شىركەت يەنە بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن كۆپەيتىپ، ھەر ھەپتىدە بىر نۆۋەت قاتناشنى پىلانلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئالاتاۋ ئېغىزىدا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن شەرقىي تۈركىستان-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يۈرۈش لىنىيەسى 21 گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىك نۆۋەتچى پويىزدىن جىڭ-ناپلېس، بېيتۈن-تاشكەنت، شياۋخۇاڭشەن-ئاقتوقاي ۋە كورلا-كالىنىنگىرادتىن ئىبارەت تۆت لىنىيە بار ئىكەن. ھازىرغا قەدەر ئالاتاۋ ئېغىزى ئارقىلىق قاتنايدىغان شەرقىي تۈركىستان-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى لىنىيەسى جەمئىي 86 گە يەتكەن.

ئالاتاۋ تاموژنىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش 2-بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى خۇڭفېڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە ئالاتاۋ ئېغىزى چېگراسىدىن كىرىپ-چىقىدىغان شەرقىي تۈركىستان-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى خىتاي ئىچىدىكى 25 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرنى قاپلىغان بولۇپ،  19 دۆلەتكە تۇتاشتۇرۇلغان، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 17 قېتىم قاتنايدىكەن. بېسىلغان ماللار ئاپتوموبىل ۋە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، پاختا يىپ، ياغاچ ماتېرىياللىرى، تۆمۈر رۇدىسى، يېمەكلىك، ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى، كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار قاتارلىق سەككىز چوڭ تۈردىكى 200 نەچچە خىل مالغا چېتىلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننى «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىدىكى مۇھىم بېكەت ھەم مەركىزى رايون قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئىككى يىل ئىلگىرى ( 2018-يىلى) شەرقىي تۈركىستاننىڭ كورلا شەھىرىگە يېقىن بىر ئورۇنغا خەلقئارا سودا بازىرى سېلىشنى پىلانلاپ ئىش باشلىغان. نۆۋەتتە بۇ قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ لىنىيەدىكى مۇھىم تۈگۈن بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى ۋە تاشقى سودا پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى، ئەمما دۆلەتنىڭ ئىگىسى بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىگە شېرىك بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1268 قېتىم كۆرۈلدى
06/08/2022 12:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق