يەنە ئۈچ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول شەرقىي تۈركىستانغا تۇتاشتۇرۇلدى

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل مەقسەت دائىرىسى ئىچىدە شەرقىي تۈركىستانغا  كىرىپ-چىقىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك ئۈچ يول پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش ئالدىدا ئىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى تۆمۈر يول تارماقلىرى تاشيول تىرانسپورتىنى تۆمۈر يول تىرانسپورتىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلەتكەن بولۇپ، پويىز تەقسىملەش، ۋاگون تەقسىملەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، شۇنداقلا ئاتالمىش «شىمالىي شىنجاڭ» تۆمۈر يولى ئايلانما لىنىيەسى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان كۆمۈر، مېتال رۇدىسى قاتارلىق غايەت زور مىقداردىكى بايلىقىنى خىتايغا يۆتكەش سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.

ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي تۆمۈر يول تارماقلىرى شەرقىي تۈركىستان ئىچىدىكى ئۈستى ئوچۇق ۋاگونلۇق پويىزلارنىڭ قاتناش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۈك ئېلىپ كەلگەن پويىزلارغىمۇ يۈك باسقان. نۆۋەتتە ئۈرۈمچى-جياڭجۈنمياۋ تۆمۈر يولىنىڭ شەرقىي جۇڭغاردىن جياڭجۈنمياۋغىچە بولغان رايون بۆلىكىدىكى تومويى، قۇربان، گۇشيادىن ئىبارەت ئۈچ ئۇچرىشىش-يول بېرىش بېكىتىدە بىردەك قاتناش باشلانغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، «G0612» لىنىيە دەپ ئاتىلىدىغان يېتىمبۇلاق-چاقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا 8-ئاينىڭ 30-كۈنى قاتناش باشلىنىدىغان بولۇپ،  شۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانى دائىرىسىدە مەبلەغ سېلىنغان خىتايدىن شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ ـ چىقىدىغان 3-يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول شەكىللىنىدىكەن. بىلدۈرۈلۈشىچە، چاقىلىق ناھىيەسى تەۋەسىدىكى يېتىمبۇلاق-چاقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئومۇمىي لىنىيەسى بېيجىڭ-تىبەت يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G6) ئالاقە لىنىيەسى بولغان شىنىڭ-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G0612) نىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ تۈر جەنۇبتا يېتىمبۇلاق بازىرىنىڭ شەرقىگە ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان، مىلاننىڭ شىمالىدىن چاقىلىق ناھىيەسىگىچە بولغان شەھەرنىڭ شىمالىي تەرىپىدە G218 لىنىيەسى بىلەن تۇتاشقان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 294 كىلومېتىر كېلىدىغان تۆت تونېل، 227 كۆۋرۈك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئۆلچىمى بويىچە لايىھەلەنگەن، سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېتىر، نۆۋەتتە يېتىمبۇلاق-چاقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى يول ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى پۈتۈنلەي تاماملىنىپ، تاشيول يانداشما قوشۇمچە ئەسلىھەلىرى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا قاتناش باشلاش مۆلچەرلەنگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي كۆچمەنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈپ كېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش رەزىل مەقسىتىدە شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ-چىقىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قۇرۇلۇشىنى سىجىل تېزلەتكەن. G30 لىنىيەسى ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تۇتاشتۇرۇلۇپ ھەم تىرانسپورت ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلغان. قورغاس-ليەنيۈنگاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى بىۋاسىتە شىمالىي يولى G7 لىنىيەسى بېيجىڭ-شەرقىي تۈركىستان يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى 2019-يىلى پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلانغان، ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا قاتنايدىغان ئاپتوموبىل ساياھىتىنىڭ ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقارتىلغان. يېتىمبۇلاق-چاقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ ـ چىقىدىغان 3-يۇقىرى سۈرئەتلىك يول شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبى رايونىغا خىتايلانىڭ كۆچۈپ كېلىشىنى قولايلاشتۇرغان.

كۆزەتكۈچىلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ئىزچىل تۈردە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىن سىرتقا توشۇلۇۋاتقان پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ياكى خام ئەشيا بولسۇن ھەممىسى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قان-ياش بەدىلىگە مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن تەييارلانغانلىقىنى، ھەر كۈنى مىليون توننىلاپ بايلىقنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە چەتئەلگە توشۇلۇۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يەنىلا نامراتلىق ۋە موھتاجلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1177 قېتىم كۆرۈلدى
06/08/2022 12:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق