ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن قوزغىغان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۈگۈن ئەتىگەن يەنە غەززە رايونىغا يېڭىدىن ھۇجۇم قىلغان.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى خان يۇنۇسنىڭ دېھقانچىلىق رايونىغا بىر قانچە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تاشلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

تاجاۋۇزچىلىق ۋەقەسىنى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيە تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى بىر كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى يەنە بىرىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئىسرائىلىيە غەززىگە ھۇجۇم باشلىغان ئىككى كۈندىن بۇيان شەھىدلەرنىڭ سانى 11 گە يەتكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىسلام جىھادىي قوراللىق ھەرىكەت تارمىقى «قۇددۇس بېرىگادىسى» مۇ ئىسرائىلىيەگە راكېتامىيوت ئاتقان. شەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەتچى ئارمىيەسى ئىسلام جىھاد ھەرىكىتىگە تەۋە قورال-ياراغ ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىنى نىشانلىغان. ئۇندىن باشقا ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەتچى ئارمىيەسى ئىسلام جىھاد ھەرىكىتىگە تەۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىياللار ۋە رايوندا ئىشلىتىدىغان مىناميوت ئوقى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئورۇنلارنى بومباردىمان قىلغان.

ئىسرائىلىيە يەنە غەززە رايونىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى ئىسلام جىھادى ھەرىكىتىگە تەۋە ئورۇنلارنى داۋاملىق بومباردىمان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىسرائىلىيە تاجاۋۇزچى كۈچلىرى غەززە شەھىرىنىڭ غەربىدىكى مەلۇم ئورۇننى نىشانلاپ ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، نىشانغا يەتكۈچە داۋام قىلىدىكەن. ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى ئىسلام جىھادى ھەرىكىتى ئەل قۇددۇس بېرىگادىسى غەززە چېگراسىدىكى كىسسۇفىم، فاججە قاتارلىق ئورۇنلارغا راكېتا بومبىسى ئاتقان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3518 قېتىم كۆرۈلدى
06/08/2022 13:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق