ئۈچ چوڭ تەشكىلات «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنى ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ھەسەنە تەشكىلاتىنىڭ بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» ناملىق يىغىن بۇ يىل 9-، 10-نويابىر كۈنلىرى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلەنمەكتە.

مەزكۇر خەلقئارالىق ئۈچ چوڭ تەشكىلاتنىڭ ھەمكارلىقى ۋە شۇنداقلا خەلقئارادىكى باشقا بىر تۈركۈم قېرىنداش تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم يىغىلىش بولۇپ قالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىن ئەپەندى «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇھىم بىر خەلقئارالىق يىغىن بولغان مەزكۇر مۇنبەرنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى قىلىش ئۈچۈن ئۈچ تەشكىلاتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى مەسئۇللار ئىچىدىن ۋەكىللەر ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، مەزكۇر ۋەكىللەرنىڭ ئاللىبۇرۇن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشلىغانلىقىنى، ۋەكىللەر ئىچىدىن يەنە مەسلىھەت گۇرۇپپىسى ۋە قارار گۇرۇپپىسى تەيىنلىنىپ ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلىغانلىقىنى، تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلىرى، مۇنبەرگە تەكلىپ قىلىنىدىغان شەخسلەرنى بېكىتىش قاتارلىقلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابدۇرېشىت ئەپەندى «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانى ھەققىدە توختىلىپ: «خەلقئارا جەمئىيەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتىگە قارشى نارازىلىق بار. بۇ نارازىلىق خەلقئارا جەمئىيەتتە ئاساسەن ئومۇملىشىپ، بەلگىلىك ئىجتىمائىي كۈچكە ئايلاندى. بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئاللىبۇرۇن شەكىللەنگەن بۇ ئىجتىمائىي كۈچنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى توختىتىشقا مەجبۇرلايدىغان كۈچ ھالىتىگە كەلتۈرۈش، شۇنداقلا قانداق قىلغاندا بۇ كۈچنى چېچىلاڭغۇ كۈچ شەكلىدە ئەمەس، بەلكى بىرلىككە كەلگەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ قولىدىكى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك؟ دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىنى تېپىش» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بەزى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ساھىبخانلىقىدا ياۋروپا پارلامېنتى زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. يىغىن زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ يىغىنغا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىدىغان ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرى، سىياسىيونلار، قانۇنشۇناسلار، مۇتەخەسسىسلەر، ئادۋوكاتلار، ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرى تەكلىپ قىلىنىدىكەن. مۇنبەردە ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىش ھەققىدىكى كونكرېت چارە-تەدبىرلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1896 قېتىم كۆرۈلدى
06/08/2022 14:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق