خىتاي تۈرلۈك جازالارغا قارىماي دىۋىزىيەدىكى ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملىق ئاشۇرغان

شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا مۇھىم رول ئوينىغان دىۋىزىيەلەر ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تۈرلۈك جازاسىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ تۈرلۈك يۆلەش تەدبىرلىرى ئارقىسىدا ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.8 ئاشقان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 8-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شەرقىي تۈركىستاندىكى دىۋىزىيەلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 121 مىليارد 497 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.8 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 23 مىليارد 348 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.3 ئاشقان.

خىتاينىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە يىغىۋېلىشنى كۈچەيتىش سىياسىتىگە ماس ھالدا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا دىۋىزىيەلەردىكى ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى تېخىمۇ تېزلىكتە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، يازلىق ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 155 مىڭ 590 گېكتارغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.1 ئاشقان. ئۇندىن باشقا كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.6 ئاشقان.

ئەنگلىيە شېفىلد ھالام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېلېنا كېنېدى خەلقئارا ئەدلىيە مەركىزى 26-ئىيۇل ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى دىۋىزىيەلەرنىڭ مەجبۇرىي كۆچۈرۈش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، زومىگەرلىك بىلەن يەر-زېمىن ئىگىلىۋېلىش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر ئارقىلىق، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنىدى. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى دىۋىزىيەلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى شىركەتلەر 2900 غا يېقىنلىشىدىغان بولۇپ، دىۋىزىيەلەرگە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك چېتىلىدىغان شىركەت-كارخانا ۋە ئورگانلار پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا 862 مىڭدىن ئاشىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1118 قېتىم كۆرۈلدى
08/08/2022 11:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق