خىتاينىڭ زور تۈركۈمدىكى يالغان خەۋەر تور بېكەتلىرى ئاشكارىلاندى

ئامېرىكىدىكى بىر تور بىخەتەرلىك شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى خىتاي رېجىمىنىڭ 70 تىن ئارتۇق يالغان خەۋەر تور بېكەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، خەلقئارادىكى يالغان تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بەردى.

ئامېرىكىدىكى تور بىخەتەرلىك شىركىتى «ماندىيانت» ئالدىنقى ھەپتە يېڭى بىر تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي رېجىمىنىڭ كەم دېگەندە 72 يالغان خەۋەر تور بېكىتى ياساپ چىققانلىقى، بۇ تور بېكەتلەرنىڭ 11 خىل تىلدا خىتاي رېجىمىنىڭ يالغان تەشۋىقات تارقىتىشىغا ۋە ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىشىغا ماسلاشقانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

تەتقىقات نەتىجىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر تور بېكەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى باشقۇرغۇچىسى شاڭخەي خەيشۈن تېخنولوگىيە شىركىتى بولۇپ، خىتاي رېجىمىنىڭ يالغان ھېساب ۋە يالغان تور بېكەتلەر ئارقىلىق خەلقئارادىكى جامائەت پىكىرىگە تەسىر كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى بولۇپ قالغان.

مەزكۇر تور بېكەتلەر ئاساسلىقى ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا مەركەزلەشكەندىن سىرت، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، خوڭكوڭدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى قاتارلىق كۈنتەرتىپتە تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەردە كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇشقا ئۇرۇنغان. ئۇندىن باشقا ئويدۇرما ھۆججەت ئارقىلىق گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزغا تۆھمەت چاپلاش ھەرىكىتىمۇ بۇ ساختا تور بېكەتلەر ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، تىۋىتتېر شىركىتى خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا چېتىشلىق ھېسابلارنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئەمما بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 877 قېتىم كۆرۈلدى
08/08/2022 12:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق