5-نۆۋەتلىك «ھۇررا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى ئىستانبۇلدا باشلاندى

شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان 5-نۆۋەتلىك «ھۇررا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى 6-ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا رەسمىي باشلاندى.

مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى رەئىسى تاھىر كۆكبايراق، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى ۋەكىلى دىلشات بارىشچى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتى رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي قاتارلىقلار ئېچىلىش سۆزى قىلغاندىن كېيىن، تۇنجى كۈنى تۆت مەيدان مۇسابىقە ئوينالدى.

بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە تۈركىيە ئىچى-سىرتىدىن جەمئىي 16 كوماندا قاتناشقان بولۇپ، ئايلانما مۇسابىقە تەرىقىسىدە داۋاملاشتى. تۇنجى مەيدان مۇسابىقە ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيون ئانا يۇرت كوماندىسى بىلەن سايرام كوماندىسى ئارىسىدا ئوينالدى. مۇسابىقە ناھايىتى كەسكىن ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋاملاشقان بولۇپ، ماھىرلارنىڭ قاتتىق تىركىشىشى نەتىجىسىدە سايرام كوماندىسى كۈچلۈك رەقىبى ئانا يۇرت كوماندىسىنى 3:2 نەتىجە بىلەن يەڭدى.

يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە تولۇق ئوتتۇرا ياشلىرىدىن تەشكىللەنگەن بۆرە كوماندىسى بىلەن باللاس كوماندىسى مەيدانغا چۈشكەن بولۇپ، نەتىجىدە تۇنجى قېتىم قاتناشقان باللاس كوماندىسى تەجرىبىلىك بۆرە كوماندىسى تەرىپىدىن 0:4 نەتىجە بىلەن يېڭىلدى. يەنە بىر مەيدان مۇسابىقە قەلبداشلار ۋە مۇئەللىم كوماندىلىرى ئارىسىدا ئوينالغان بولۇپ، ئىككى كوماندا قاتتىق تىركىشىش نەتىجىسىدە، مۇئەللىم كوماندىسى 6:3 نەتىجە بىلەن يەڭدى. شەنبە كۈنىدىكى ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقە ئىككى كۈچلۈك كوماندىنىڭ ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. تەجرىبىلىك دولان كوماندىسى ئوقۇ ئۇيغۇر كوماندىسى بىلەن كەسكىن رىقابەتلىشىپ، قاتتىق مۇداپىئەسى بىلەن قارشى تەرەپكە پۇرسەت بەرمىدى. نەتىجىدە دولان كوماندىسى 4:1 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلدى.

7-ئاۋغۇست داۋاملاشقان ئايلانما مۇسابىقە ئەينەك كوماندىسى بىلەن ئۇدۇن كوماندىسىنىڭ ئارىسىدا ئوينالدى ۋە ئەينەك كوماندىسى 6:3 نەتىجە بىلەن ئۇدۇن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. ئارقىدىن تەكلىماكان كوماندىسى يېڭىدىن تەشكىللەنگەن تەڭرىقۇت كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى ۋە مول تەجرىبىسى بىلەن كۆپ كۈچ سەرپ قىلمايلا رەقىبى تەڭرىقۇت كوماندىسىنى 9:0 نەتىجە بىلەن يەڭدى. گەرچە تەڭرىقۇت كوماندىسى چوڭ پەرق بىلەن يېڭىلگەن بولسىمۇ، مۇسابىقە تا ئاخىرىغىچە ياخشى كەيپىيات بىلەن داۋاملاشتى. ئارقىدىن يېڭى قۇرۇلغان ياشلار مەركىزى كوماندىسى ئاق ئوردا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشكەن بولۇپ، ئاق ئوردا كوماندىسى 5:1 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلدى.

7-ئاۋغۇستتىكى ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقە ئىسمى-جىسمىغا لايىق كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى بولغان بولۇپ، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئاتىللا كوماندىسى ئۆتكەن ئىككى نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئۇدا ئىككىنچى بولغان كۈچلۈك كوماندا ئىلى مەشرەپ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى. مۇسابىقە تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىش سادالىرى ئاستىدا داۋاملاشقان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە كۈچ چىقاردى، نەتىجىدە ئاتىللا كوماندىسى 5:3 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلدى.

«ھۇررا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى ھازىرغا قەدەر تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ كوماندا قاتناشقان پۇتبول مۇسابىقىسى بولۇپ، تەخمىنەن بىر ئايغا يېقىن داۋاملىشىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1229 قېتىم كۆرۈلدى
08/08/2022 13:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق