ئاتامان جامبازلىق كۇلۇبىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلىرى يۇقىرى نەتىجىگە ئېرىشتى

ئىستانبۇلدىكى ئاتامان جامبازلىق كۇلۇبىدا تەربىيەلىنىۋاتقان ياش-ئۆسمۈرلەر 7-ئاۋغۇست مارمارا رايونىدىكى كۇلۇبلار ئارا ئۆتكۈزۈلگەن ئەركىن مۇشتلىشىش مۇسابىقىسىدە يۇقىرى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.

مەزكۇر مۇسابىقىگە 118 ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈر قاتناشقان بولۇپ، ئىستانبۇلنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۇلۇبلاردىن كەلگەن رەقىبلىرى بىلەن كەسكىن رىقابەتلەشتى. مۇسابىقىدە ئىبراھىم ئەزىز، ئابدۇللاھ، ئىمران روزى، ئابدۇسەمەت، ئابدۇللاھ ئابدۇسالام، ئابدۇراھمان، ئابدۇلباسىت تۇپراق قاتارلىق ماھىرلار بىرىنچى بولغان بولۇپ، يەنە كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى. مۇسابىقە جەريانىدا ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ كەيپىياتى مەيلى يەڭسۇن، مەيلى يېڭىلسۇن ئىزچىل يۇقىرى بولغان بولۇپ، ئاخىرىغىچە جەڭگىۋارلىق بىلەن داۋاملاشتۇردى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا مۇئەسسەسەلەردىن ھېسابلىنىدىغان ئاتامان جامبازلىق كۇلۇبى قۇرۇلغان كۈندىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ جىسمانىي چېنىقىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، كۇلۇبتا تەربىيەلەنگەن كۆپلىگەن ياشلار بىر قاتار يەرلىك ۋە خەلقئارالىق مۇھىم مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، يۇقىرى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1042 قېتىم كۆرۈلدى
08/08/2022 14:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق