ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرى ئاساسلىق خىزمىتىنى خىتايغا مەركەزلەشتۈرمەكتە

ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىن، خىراجەتلىرىنى، بايلىق مەنبەسىنى ۋە ئاساسلىق خىزمىتىنى خىتايغا مەركەزلەشتۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى داۋىد كوھېن يېقىندا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ بىر يېپىق يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئەلقائىدە قاتارلىق تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىشنىڭ يەنىلا ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى، ئەمما مەزكۇر ئورۇننىڭ ئاساسلىق نىشانىنى خىتاينى تېخىمۇ ياخشى تونۇش ۋە تاقابىل تۇرۇشقا قارىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەققىدە بارا-بارا ئاز توختىلىشقا، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي تەھدىتىنى كۆپلەپ تىلغا ئېلىشقا باشلىغان. ھەرقايسى ئىستىخبارات ئورگانلىرىمۇ ئادەم كۈچى ۋە بايلىق مەنبەسىنى قايتىدىن تەڭشەشكە باشلىغان بولۇپ، خىتاي مەسىلىسىگە مەسئۇل يۈزلىگەن خادىملارنى كۆپەيتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە بۇرۇن مەخسۇس تېررورلۇققا قارشى خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن مۇتەخەسسىسلەرمۇ بار ئىكەن.

نۆۋەتتە ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىن خىتايغا قارىتىۋاتقانلىقى كۆپلىگەن سابىق ئىستىخبارات ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ھەتتا بىر قىسىم ئەمەلدارلار بالدۇرلا مۇشۇنداق قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەشكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 865 قېتىم كۆرۈلدى
09/08/2022 09:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق