ھاماس باياناتچىسى: قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئاخىرىغىچە داۋام قىلىدۇ

پەلەستىندىكى ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (ھاماس) نىڭ باياناتچىسى مۇھەممەد ھەمادە: پەلەستىن خەلقى داۋام قىلىۋاتقان قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندە يەھۇدىيلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىشقا مەجبۇرلايدىغان بىردىنبىر چارە» دېگەن.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، «ئەلجەزىرە بىۋاسىتە تارقىتىش» پىروگراممىسىغا قاتناشقان ھەمادە يەكشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، پەلەستىن خەلقنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئىسرائىلىيەنىڭ ئېرۇسالىم ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا يەھۇدىيلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تەكشۈرۈشكە ھەمدە مەزكۇر سىياسىتىنى توختىشىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە: «ھاماس ھەرىكىتى شەرقىي قۇددۇس ئاھالىسى ئەمىر ئەل سەيداۋى ئېلىپ بارغان قارشىلىق ھەرىكىتىنى تەبرىكلەيدۇ. ئۇ تەخمىنەن 15 سېكۇنت ئىچىدە بىر ئاپتوبۇس ۋە ئىككى ئاپتوموبىلغا 10 پاي ئوق ئېتىپ، سەككىز كۆچمەننى يارىلاندۇردى. ئۇلارنىڭ ئىككىسىنىڭ يارىسى ئېغىر» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىسرائىلىيە ساقچى دائىرىلىرى قۇددۇس ئاھالىسىدىن بولغان ھۇجۇمچى ئەمىر ئەل سەيداۋىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

«Yedioth Ahronoth» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇجۇم قوزغىغۇچى 26 ياشلىق ئەمىر سەيداۋى بولۇپ، ئىشغال قىلىنغان قۇدۇسنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى ئىككى جايدا ھەرىكەت ئېلىپ بارغان.

بۇ ھەقتە چۈشەندۈرۈش بەرگەن ھەمادە: «قۇدۇستىكى قارشىلىق ھەرىكىتى ئىسرائىلىيەنىڭ يەھۇدىيلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش سىياسىتىگە قارشى قوزغالغان تەبىئىي ئىنكاسقا ۋەكىللىك قىلىدۇ ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىندا غەززە رايونىدىكى پەلەستىن خەلقىگە قاراتقان ھۇجۇمىغا قارشى قىلىنغان خەلق قارشىلىق ھەرىكىتى» دېگەن.

ھەمادە يەنە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ پۇخرالارغا قارىتىلغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ تەسىرى ئىسرائىلىيەگە نىسبەتەن ئېغىر بولىدىغانلىقىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئەمەلدارلىرى ئۈچۈن ئازابلىق ۋەقە بولغانلىقىنى، قۇدۇستىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرقى ھەرىكەت ئەمەسلىكىنى،  ئىشغالىيەت داۋام قىلىدىكەن قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى، تاكى قۇدۇس ۋە پەلەستىننىڭ بارلىق زېمىنىنىڭ ئازادلىقى ئەسلىگە كەلمىگۈچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3591 قېتىم كۆرۈلدى
15/08/2022 16:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق