خىتاي ئىقتىسادى ئارقا-ئارقىدىن زەربىگە ئۇچرىماقتا

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ 15-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتلىرىدا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى ۋە ئۆي-مۈلۈك بازىرىدىكى كىرىزىس خىتاي ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بەرگەن. 7-ئايدا خىتاينىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرى ۋە سانائەت ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنىڭ ئومۇمىي پارچە سېتىلىشى ئويلىمىغان دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن.

خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 15-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئائىلە چىقىمىنىڭ ئاساسلىق كۆرسەتكۈچى بولغان ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش مىقدارى 7-ئايدا ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %2.7 ئېشىپ، 6-ئايدىكى %3.1 تىن %0.4 تۆۋەنلىگەن.

خىتاي سانائەت ئىشلەپچىقىرىش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 7-ئايدىكى خىتاي سانائەت قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.8 ئېشىپ، 6-ئايدىكى %3.9 تىن تۆۋەنلەپ، ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ مۆلچەرىدىن %4.6 ئاشقان. خىتاي نۆۋەتتە دۇنيادا ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ۋىرۇسنى «نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى قوللانغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، كونكرېت تەدبىرلەر كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈش، يۇقۇملانغۇچىلارنى مەجبۇرىي ئايرىپ كۆزىتىپ نىشانلىق چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خىتاي يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە يۇقۇمنىڭ قايتا يامرىشىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، گەرچە يۇقۇم سانى چەكلىك بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى بىر قانچە ئۆلكە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇندىن باشقا خەينەننىڭ سەنيا شەھىرىدە ئونمىڭلىغان ساياھەتچى قاپسىلىپ قالغان. يۇقۇم ئەھۋالى يېقىندا خىتاي ساياھەتچىلىكىدە تايانچ رايون بولغان تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستانغىمۇ يامرىغان بولۇپ، بۇ ھالەت خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسەتكەن. ئالدىنقى شەنبە كۈنىگىچە ئەمەلدارلار خىتاي مىقياسىدا جەزملەشتۈرۈلگەن 623 بىمار ۋە  كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان 1844 يۇقۇملانغۇچىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىغان.  بۇنىڭ بىلەن بىر كۈندە يۇقۇملانغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 2467 گە يەتكەن. بۇ 5-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە يۇقۇملىنىش بولۇپ، خىتاينىڭ خەينەن قاتارلىق بىر قانچە ئۆلكىلىرىدە ۋىرۇس ئەڭ كۆپ تارقالغاندىن باشقا، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملىنىش ئەھۋالى شىددەت بىلەن كۆپەيگەن ۋە يۇقۇمنىڭ قايتا كۆپىيىشى بىلەن خىتاي ئىقتىسادى بېسىمغا دۇچ كەلگەن.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ مۇقىم مەبلەغ سېلىش ئەھۋالى 7-ئايدا تېخىمۇ تۆۋەنلەپ %5.7 كە چۈشۈپ قالغان. بۇ ئۇدا بەشىنچى ئاي تۆۋەنلەش بولۇپ، بۇ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى يەنىلا قاراڭغۇ ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر بەلگىسى ئىكەن. ئۇندىن باشقا خىتايدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى مەسىلىسىدە 16-24 ياشقىچە بولغان ئىشسىزلىق نىسبىتى 6-ئايدىكى %19.3 تىن تېخىمۇ ئېشىپ، ئەڭ يۇقىرى رېكورت ياراتقان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 881 قېتىم كۆرۈلدى
16/08/2022 16:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق