خىتاي ۋىرۇس باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاچلىقتىن قىينىماقتا

خىتاي يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى ئاتالمىش «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقنى ئۆيلىرىگە قامىغان بولۇپ، خەلق قىممەتچىلىك ۋە قاتتىق قامال سەۋەبلىك ئاچ قېلىپ، ئۆسۈملۈكلەرنى يېيىشكە مەجبۇر بولغان.

شەرقىي تۈركىستاندىن تارقالغان نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدىكى سىنلار خىتاي خەۋەرلىرىنىڭ يالغانچىلىق بىلەن تولغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم پاكىتلىق ھالدا ئاشكارىلاپ بەرمەكتە. 15-ئاۋغۇست فېيسبۇكتا تارقالغان بىر سىندا، خىتاينىڭ ئاتالمىش «ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۆيلىرىگە نەزەربەند قىلىپ ئاچ قويغانلىقى، خەلقنىڭ قاتتىق قىينىلىۋاتقانلىقى ئاددىي سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن بولۇپ، بىر ئۇيغۇر ئايال ھويلىسىدىكى گۈللەرنى كۆرسىتىپ: «ۋىرۇس سەۋەبلىك كۆكتاتلىرىمىز تۈگەپ يېگۈدەك نەرسە قالمىدى. گۈلنىڭ يوپۇرماقلىرىدا تاماق ئەتسەم ئوخشارمۇ؟... ئەمدى مۇشۇ گۈللەرنىڭ يوپۇرمىقىنى يېيىشكە مەجبۇر بولۇپ قالدۇق...» دېگەن.

خىتاينىڭ قامال قىلىپ قىيناش ۋاسىتىسىدىن ھەتتا بالىلارمۇ قۇتۇلالمىغان بولۇپ، دائىرىلەر ئۆيدىن سىرتقا چىققان بالىلارنى تۇتۇپ كەنت كومىتېتىغا ئاپىرىپ جازالىغان. خىتاي ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، 14-ئاۋغۇست ساقچىلار ئۆيىدىن سىرتقا چىققان بىر نەچچە ئۇيغۇر بالىنى تۇتۇپ، كەنت كومىتېتىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. كەنت كومىتېتتىكى قورچاق ئەمەلدارلار ئىككى بالىنىڭ بېشىغا بىر تاختاينى قويۇپ، كەنت قورۇسىدا يۈگۈرتكۈزۈپ جازالىغان ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقىتىپ، باشقا بالىلارنىڭ ئۆيدىن چىقسا مۇشۇنداق جازالىنىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان.

ئۇندىن باشقا خىتاي خەۋەرلىرىدە كۆپلەپ تارقىلىۋاتقان: «مەھسۇلاتنىڭ تەمىناتى يېتەرلىك، باھاسى مۇقىم، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىندى» دېگەن تەشۋىقاتلارنىڭ يالغان ئىكەنلىكى پاش بولۇۋاتقان بولۇپ، تۇرپاندىكى بىر ئۇيغۇر ئايال: «ھەي يۇقۇم! ھەي يۇقۇم! يۇقۇملۇق كېسەل نەدىن كەلگەنسەن؟ يۇقۇم سەۋەبلىك ھەممە نەرسىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كېتىۋاتىدۇ. ئەمما ئۈزۈمنىڭ باھاسى ئۆرلىمىدى. بىر باغلام كۈدىنىڭ باھاسى توققۇز سومغا چىقتى. بىر كىلوگىرام ئۈزۈم بىر كىلوگىرام كۈدىنىڭ پۇلىغا يارىمىسا، ھەي خەلقىم! ھەي خەلقىم بۇنداقمۇ ئۆسەمدۇ بۇ كۆكتاتلارنىڭ باھاسى؟» دېگەن سۆزلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نۆۋەتتە قانداق بېسىمغا ۋە خورلىنىشقا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېنىق يورۇتۇپ بەرمەكتە. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 996 قېتىم كۆرۈلدى
16/08/2022 16:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق