خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگىچە كېڭەيگەن جىنايەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى

14-ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا ئېچىلغان بىرىنچى قېتىملىق خەلقئارالىق ئائىلە تەربىيىسى يېتەكچىلىرى ۋە مەسلىھەت بېرىش مۇتەخەسسىسلىرى ئۇچرىشىشىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلدى.

يىغىنغا مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇرى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئەرەب ئىسلام دۇنياسى خەلق دىپلوماتىيە ئىشلىرى مەسئۇلى مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇرى ئىشتىراك قىلدى. يىغىندا «خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلە كىرىزىسى» تېمىسىدا سۆز قىلىپ، نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، شۇنداقلا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان خەلقنىڭ ئائىلە مەھرەمىيىتىگە تاجاۋۇز قىلىش، ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى نامىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئائىلىسىگىچە مەجبۇرىي كىرىپ نازارەت قىلىش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇردى.

شۇ كۈنى يەنە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەششەرق ياشلار ئۇچرىشىشى يىغىنىغا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى، ئابدۇرازاق ئۇجات، نىزامىدىن تەمكىنى، ئۆلىمالار بىرلىكىدىن مەھمۇدجان داموللام، مۇھەممەد ئۆمەر قاراجىم، ياش سەنئەتكارلاردىن ئامىر قىلىچ، خەيرۇننىسا قىلىچ قاتارلىقلار قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلدى ۋە سۈرەت كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1039 قېتىم كۆرۈلدى
16/08/2022 18:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق