شەرقىي تۈركىستاندىكى قامال ئەندىشە قوزغىماقتا

شەرقىي تۈركىستاندا 15-ئاۋغۇست بىر كۈن ئىچىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىدىن 248، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىماردىن 12 سى كۆپەيگەن بولۇپ، خىتاي يۇقۇم باھانىسى بىلەن باستۇرۇش ۋە نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

8-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 0 دىن 24 كىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 12 سى يېڭىدىن كۆپەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە بايىنغولىن ئوبلاستى كورلا شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىماردىن بىرى يېڭىدىن كۆپەيگەن. ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى؛ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدا 1، سايباغ رايونىدا 2، شىمىگو رايونىدا 1، يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدا 1، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا 1، غۇلجا ناھىيەسىدە 1، بورتالا ئوبلاستىنىڭ بورتالا شەھىرىدە 1، قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئىۋىرغول رايونىدا 3 بىمار بار ئىكەن.

ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستاندا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 248 ى يېڭىدىن كۆپەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونىدا 24، شىمىگو رايونىدا 3، يېڭىشەھەر رايونىدا 3، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە 134، كۈنەس ناھىيەسىدە 1، سانجى ئوبلاستىنىڭ قۇتۇپى ناھىيەسىدە 44، قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئىۋىرغول رايونىدا 24، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدا 9، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدە 6 بىمار يېڭىدىن كۆپەيگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىغا يۆتكەپ ئاپىرىلىپ ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلگەن.  كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 42 يۇقۇملانغۇچىنى ئايرىپ تىببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 2529 ى بار بولۇپ، بۇلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى، غۇلجا، تۇرپان، قۇمۇل، كورلا، ئالتاي، بۆرتالا، سانجى، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق ۋىلايەت شەھەرلەرگە تارقالغان. بۇلار ئىچىدە ۋىرۇس ئەڭ كۆپ تارقالغان رايون غۇلجا بولۇپ، 1308 بىمار بار ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر نۆۋەتتە خىتاينىڭ نومۇسسىزلارچە ۋىرۇسنى چەتئەلدىن كىرگەن دەپ پۈتۈن ئاپەتنىڭ مەنبەسىنى چەتئەلگە ئارتىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېر ۋە تۈرمە سىرتىدا قالغان خەلقنى ئاچ قويۇپ قىيناپ يۈرىكىنى ئېزىشنى پىلانلىغانلىقىنى، ئەسلىدە خىتاينىڭ رەزىل مەقسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ۋىرۇس باھانىسى بىلەن تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇش ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتىكى قاتتىق قامالنىڭ خەلقئارادا ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 994 قېتىم كۆرۈلدى
16/08/2022 18:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق