خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى قامالنى كۈچەيتتى

شەرقىي تۈركىستاندا 16-ئاۋغۇست بىر كۈن ئىچىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىدىن 307 سى كۆپەيگەن بولۇپ، خىتاي يۇقۇم باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان باستۇرۇش ۋە نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

خىتاي خەيشا تورىنىڭ17-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە،  16-ئاۋغۇست كۈنى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 0 دىن 24 كېچە ، شەرقىي تۈركىستاندا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىدىن 307 سى يېڭىدىن كۆپەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدا 27، سايباغ رايونىدا 46، شىمىگو رايونىدا 9، يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدا 1، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا 4، غۇلجا شەھىرىدە 126، تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋۇسۇ شەھىرىدە 4، سانجى ئوبلاستى قۇتۇپى ناھىيەسىدە 63، تۇرپان شەھىرىدە 7، كورلا شەھىرىدە 5 بىمار بار ئىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىغا يۆتكەپ ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىشكە باشلىغان.

كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 57 يۇقۇملانغۇچىغا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان. تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلارنىڭ ئىچىدە غۇلجا شەھىرىدىن 20، غۇلجا ناھىيەسىدىن 2، تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋۇسۇ شەھىرىدىن 6، تۇرپان شەھىرىدىن 29 كىشى بار ئىكەن.

خەۋەردە ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان بويىچە ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 18 بىمار بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدا 1، سايباغ رايونىدا 3، شىمىگو رايونىدا 1، يېڭىشەھەر رايونىدا 1، ئىقتىساد ۋە تەرەققىيات رايونىدا 1، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا ناھىيەسىدە 1، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدە 3، سانجى ئوبلاستىنىڭ قۇتۇپى ناھىيەسىدە 2، قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئىۋىرغول رايونىدا 4 بىمار بار ئىكەن. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بىماردىن 2779 سى بار ئىكەن.

«بېيجىڭ كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسىگە تەۋە رايونلاردا بىر كۈنى ئىچىدە يېڭىدىن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىدىن 32 سى كۆپەيگەن.

كۆزەتكۈچىلەر نۆۋەتتە خىتاينىڭ نومۇسسىزلارچە ۋىرۇسنى چەتئەلدىن كىرگەن دەپ پۈتۈن ئاپەتنىڭ مەنبەسىنى چەتئەلگە ئارتىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېر ۋە تۈرمە سىرتىدا قالغان خەلقنى ئاچ قويۇپ قىيناپ يۈرىكىنى ئېزىشنى پىلانلىغانلىقىنى، ئەسلىدە خىتاينىڭ رەزىل مەقسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ۋىرۇس باھانىسى بىلەن تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇش ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتىكى قاتتىق قامالنىڭ خەلقئارادا ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 830 قېتىم كۆرۈلدى
17/08/2022 16:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق