تاراتقۇلار: ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرى كۈچىيىشكە باشلىدى

ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلات ئارمىيەسى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىپ، تالىبان ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىنى قۇرغانلىقىغا دەل بىر يىل بولغان بولۇپ، ئافغانىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوندا ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى ئېلىش خام خىيالىدا بولغان خىتاي تالىباندىن كۈتكىنىگە ئېرىشەلمەي نارازىلىق ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە تېڭىرقاپ قالغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 16-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ رايونغا سالغان ئىقتىسادىي مەبلىغى تالىبان تەرەپنىڭ تەلىپىدىن خېلىلا يىراق بولۇپ، خىتاي ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاندا داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ كۈچەيگەنلىكىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن.

ۋاشىنگتوندىكى ۋىلسون مەركىزى جەنۇبىي ئاسىيا ئىشلىرىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى، قوشۇمچە يۇقىرى دەرىجىلىك ياردەمچىسى مايكېل كۇگېلماننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئامېرىكا ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرگەندىن كېيىنكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خام خىيالىدا بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ بۇ خام خىيالى ئەمەلگە ئاشمىغان.

كۇگمان بۇ ھەقتە: «خىتاينىڭ تالىبانلار ئافغانىستان ھاكىمىيىتىنى قولغا ئالغاندىن كېيىنكى ھەرىكەت ئۇسۇلى تالىبانلار ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئىلگىرىكى ھەرىكەت ئۇسۇلىغا ئوخشايدۇ. خىتاي ئوخشاشلا ئەندىشە، خەتەر تۇيغۇسى ئىچىدە ئۆتتى» دېگەن.

كۇگماننىڭ قارىشىچە، ئەگەر تالىبانلار خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە خىتايغا تەھدىت بولغان ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنى چەكلەشكە قاراپ قەدەم تاشلىغان بولسا، رايوندا زور ئۆزگىرىش پەيدا بولۇپ، خىتاينىڭ ئويلىغىنى بويىچە بولىدىكەن. ئەمما ھازىرغا قەدەر تالىبانلار خىتاينىڭ دېگىنىگە كەلمىگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى مەۋجۇتلۇقى چەكلىك ئىكەن ۋە مۇھىم ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشتىن ئەنسىرىگەن.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالدىنقى ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر قوراللىق تەشكىلاتى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى ئافغانىستاننىڭ شىمالى باغلان ئۆلكىسىدە ئاساسلىق بازىسىنى قايتا قۇرغان.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دوكلاتىدا: «بۇ گۇرۇپپا ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، بەداخشاندىكى بىر قانچە ئورۇندا يېڭى بازا قۇرۇپ ھەرىكەت دائىرىسىنى كېڭەيتتى ھەمدە مەخپىي قورال سېتىۋالدى» دېيىلگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1304 قېتىم كۆرۈلدى
17/08/2022 16:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق