دوكلات: روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىلىرى خىتاينىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش قورالىغا ئايلانغان

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «قوغدىغۇچى» 16-ئاۋغۇست كۈنى «مەجبۇرىي دورا ئىشلىتىش ۋە تۈرمىگە سولاش: خىتايدىكى روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى تۈرمىگە ئايلاندى» تېمىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، 2015-يىلدىن 2021-يىلغىچە بولغان يەتتە يىل ئىچىدە، خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 109 روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا جەمئىي 99 سىياسىي مەھبۇسنىڭ قامالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قايتا-قايتا قامىلىپ، جەمئىي 144 قېتىم قامالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

دوكلاتتا يۇقىرىدا بېرىلگەن سانلىق مەلۇماتنىڭ پەقەت دېڭىزدىن بىر تامچا ئىكەنلىكى، خىتاي ساقچىلىرى ۋە ئالاھىدە خادىملىرى كىشلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە خىتاي ئۈستىدىن ئەرز ۋە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا قاماپ  زۆرۈر بولمىغان مەجبۇرىي داۋالاش قىلمىشىنى داۋاملىق ئىجرا قىلغانلىقى، بىر قىسىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ بىر قانچە خىل ئازاب-ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا قامالغاندىن كېيىن، ئۇ يەردە بىر قانچە ئاي ۋە يىللارغىچە توختىتىپ قويۇلغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئىچىدىكى توققۇز كىشىنىڭ قامالغىنىغا ئون يىلدىن ئاشقان. 99 زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىچىدىكى 1/3 كىشى ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق قالمالغان.

دوكلاتتا يەنە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا كارىۋاتقا نەچچە سائەت باغلىنىپ، توك سوقۇش ئارقىلىق داۋالاش، قاتتىق ئۇرۇش، ئايرىپ قاماش قاتارلىق  ھەرخىل جىسمانىي قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

2018-يىلى شى جىنپىڭنىڭ سۈرىتىگە سىياھ چاچقان خىتاي ئايال دوڭ ياۋچىڭ روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا قامالغان. ئەمما دوڭ ياۋچىڭ سىن  ئارقىلىق ئۆزىنىڭ روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا قامالغانلىقىنى ئاشكارىلغاندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1047 قېتىم كۆرۈلدى
17/08/2022 16:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق